Xurshid Davron she’rlari uyg’ur tiliga (1). Yalqun Azizi tarjima qilgan

Ashampoo_Snap_2017.07.16_15h04m24s_002_d.pngئاتاقلىق ئۆزبېك شائىرى خۇرشىد دەۋران 1952-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ قەدىمىي شەھىرى سەمەرقەندتە تۇغۇلغان.1977-يىلى تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1979-يىلى ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ھازىر ئۆزبېكىستان تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى 2-يۈرۈش ‹‹ياشلار›› قانىلىنىڭ باش دېرىكتۇرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
خۇرشىد دەۋراننىڭ ھازىرغىچە «قەدىردان قۇياش»، «تۈندىكى باغلار»، «شەھەردىكى ئالما دەرىخى»، «ئۇچۇپ بارىمەن قۇشلار بىلەن»، «تۇمارىسنىڭ كۆزلىرى»، «بالىلىقنىڭ ئاۋازى»، «قەقىنۇس»، «باھاردىن بىر كۈن بۇرۇن»، «تەنھا قۇشنىڭ پەرۋازى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى، «قىرىق ئاشىق دەپتىرى»، «دېڭىز ياپراقلىرى»، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ياش شائىرلىرى»، «ساكۇرا گۈللىرى تۆكۈلەر» قاتارلىق تەرجىمە شېئىرلار توپلاملىرى ۋە «ساھىبقىراننىڭ نەۋرىسى»، «شېھىدلار شاھى»، «سەمەرقەنت گۈللىرى»، «يەتتە دەرۋىش كىتابى» قاتارلىق تارىخ، پەلسەپىگە ئائىت ئوچىرك، ماقالىلەر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. «تېمۇرنامە» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىپ تارقىتىلغان، «بابۇر»، «ئالغۇل» ناملىق درامىلىرى ئۆزبېكىستان ۋە چەتئەل سەھنىلىرىدە ئوينالغان. بىر قىسىم شېئىر توپلاملىرى ئەزەربەيجان، پولشا، بۇلغارىيە، روسىيە، تۈركىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئامىرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، مېكسىكا، تاجىكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردە نەشر قىلىنغان. خۇرشىد دەۋران كۆپ قېتىم خەلقئارالىق شېئىرىيەت فېستىۋاللىرىغا ھەمدە ئامىرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا يازغۇچىلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1999-يىلى ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلانغان. 2000-يىلى ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ دېپۇتاتلىقى (پارلامېنت ئەزالىقى) غا سايلانغان.

خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن تاللانما(1)
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: يالقۇن ئەزىزى

دەريا يوقتۇر، چېچىڭدىن باشقا

دەريا يوقتۇر چېچىڭدىن باشقا،
دولقۇنىدا ئاقاي دېسەم.Ashampoo_Snap_2017.07.12_12h27m23s_002_.png
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
قاراي دېسەم، باقاي دېسەم.
ئىسمىڭدىن باشقا بىر سۆز يوقتۇر،
ئېيتاي دېسەم، توۋلاي دېسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
يالقۇنىدا كۆيەي دېسەم.
مېھرىڭدىن باشقا كۈندۈز يوقتۇر،
سۆزلىرىمنى تاپلاي دېسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
ئۆزگە يولدا كېتەي دېسەم.

كېرەك بولسا

كېرەك بولسا قىلىچ ئۇچىدا،
ياشا سۆيگۈم سەن مەجنۇن بولۇپ.
سېرىق رەڭلىك گۈللەر ئىچىدە ،
ئېچىل كېيىن قىزىل گۈل بولۇپ.
دىلىڭدىكى سۆزنى ئېيت پەقەت،
بەختلىك قىل سۆيگەن ئايالنى.
ئاڭا سەن زەر-تىللانى ئەمەس،
ئىنئام قىلغىن ئاينى، شامالنى.
ئۆچۈڭنى ئال، ياۋدىن، زۇلمەتتىن ،
ساتقىنلاردىن، ئەڭ ئاخىرقى مەيدان .
سان-ساناقسىز تېرەكلەر ئارا،
ئەڭ قۇۋۋەتلىك چىنارغا ئايلان.
يالغان بىلەن تولغاندا ئەتراپ،
ئىچىڭگە يۈت، تىترەك نالىنى.
چاللار جىمجىت بولۇپ قالغاندا.
ئالقىشلىغىن چىن سۆزلۈك بالىنى !

سېپتامىن قوشىقى

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى،
ئۇ قىلىچىم قانغا زار ئىدى.
قىلچىمدىن ئايرىلار بولدۇم،
نە بولغايدۇر ئەھۋالىم ئەمدى .
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى،
تىغىدا ياۋ قانى خار ئىدى،
قىلىچىمدىن ئايرىلار بولدۇم،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى،
ئۇنى ماڭا بەرگەن يار ئىدى،
قىلىچىمدىن ئايرىلار بولدۇم،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .
يات قىلىچلار قانغا زار ئەمدى،
يات قىلىچتىن قانىم خار ئەمدى .
باشقىلارغا يار بولدى ئۇ قىز،
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى .

سۆز قۇشتۇر

سۆز — قۇشتۇر،
ئاۋايلا ئۇنى.
ئاۋايلا كۆكسۈڭدە سەن ئۇنى ئۇچۇر.
قانىتىنى سىلاپ ئەركىلەت،
ئۆز قېنىڭدىن ئۈچۈرگىن قۇشقا .
شېئىر- ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ،
قۇياشقا تەلپۈنەر ئۇ ئۇچۇپ-ئۇچۇپ.
شېئىرنىڭ تۆت مىسراسىغا قەپەز بولمىغىن،
ئاسمان بولما مۇمكىن سۆز ئۈچۈن …

بولدى يېتەر تەلمۈرمەڭ ئايغا

بولدى يېتەر تەلمۈرمەڭ ئايغا،
ھە، بىلىمەن ئاي بەكمۇ گۈزەل،
تويۇپ بولماس بۇنداق چىرايغا .
يېتەر ئەمدى تەلمۈرمەڭ كۆككە،
گەرچە قىزغۇچ يۇلتۇزلار،
سىرداش كەبى بولسىمۇ يۈرەككە .
بولدى دېمەڭ ئۇ ھىلال پاتار ،
ئۇ كىشنىگەن ساپ- سېرىق تۇلپار،
تۇمانلاردەك يېيىلىپ ياتار .
يەرگە بېقىڭ خۇددى شۇ چاغدا،
يۇلتۇزلاردەك يۇمران مايسىلار،
باش كۆتۈرۈپ ئۈنۈپ چىقماقتا .

دېرىزىنىڭ پەردىسدىكى قارنى

دېرىزنىڭ پەردىسدىكى قارنى،
كۈزىتىدۇ تۆۋەندىكى گۈل.
تاشقىرىدا ياغقان چاغدا قار،
ئۆيدە كىتاب ئوقۇغىن ماقۇل .
تاشقىرىدا ياغقان چاغدا قار،
بۇ ئوي سۈرۈپ ئىڭرىماق دېمەك.
ۋە چىراغنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ،
ئاپئاق شامنى ياندۇرماق كېرەك .
تاشقىرىدا ياغقان چاغدا قار،
كوچىدىكى چىراغدەك پارلاپ .
قانداق ياخشى مەيۈس، بەختىيار،
قىز كېلىشنى ئولتۇرساڭ پايلاپ .
قانداق ياخشى كۈزەتسەڭ تۇيۇپ،
تاشقىرىدا ياغقان ئاق قارنى .
ھېچ بولمىسا ئالدىڭغا قويۇپ ،
ئۆتكۈر شاراپ، بىر بۇردا ناننى .
بىراق نېچۈن چىدىماس يۈرەك،
كىيىنىمەن ئاستا بىمادار .
قىيىن ئىكەن ئۆيدە ئولتۇرماق،
تاشقرىدا ياغقان چاغدا قار .

ئادەملەر

بۇ ئادەملەر ھەسرەتكە تولۇپ،
قانداق ئويلار سۈرۈپ ماڭىدۇ ؟
تاڭنى ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپ،
تۈن قوينىدا يۈرۈپ ماڭىدۇ ؟
بۇ ئادەملەر يۈرىكى كۆيۈپ،
قاي مەنزىلنى كۆزلەپ ماڭىدۇ ؟
ئۇلار ئاسان يوللارنى قويۇپ،
خەلقىم دەيدۇ، بوزلاپ ماڭىدۇ .
بۇ ئادەملەر كۆكسى-بوغۇزدىن،
كۆزلىرىدىن نېچۈن ئاقار قان ؟
بۇ ئادەملەر تۆككەن قانلاردىن،
تۈن قوينىدا كۆكىرىدۇ تاڭ !

مىرتېمىر خاتىرىسىگە
مىرتېمىر ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى

شەھەر ئۆزرە يېغىۋاتىدۇ قار،
تۇيار ئىدۇق سوغۇق تەپتىنى.
ئۇزاقلاردا كەزمەكتە باھار،
بىز يوقىتىپ قويغاندا سېنى .
بىز يىغلىدۇق، جىددىي ۋە مەھزۇن،
كۆپەيمەكتە سەزدىم دوستلارنى.
كۈي ئاقماقتا غەم كەبى ئۇزۇن،
قوزغاتقانچە دىلدىن ھېسلارنى .
دەپىنىدىن قايتتۇق مۈكچىيىپ،
ئېزەر ئىدى كۆرۈنمەس تاۋۇت.
قار سۈيىدە يۈزلەرنى يۇيۇپ ،
شىۋىرلىدۇق» يۈرەك ئەستە تۇت»
شەھەر ئۆزرە يېغىۋاتىدۇ قار،
تۇيار ئىدۇق سوغۇق تەپتىنى .
ئۇزاقلاردا كەزمەكتە باھار،
بىز يوقىتىپ قويغاندا سېنى .
شۇندا كىمدۇر، كىم ئۇ ؟ ئەستە يوق،
دېدى غەمكىن ئەگكىنىچە باش :
مېيىتىنى كۆتەرگەن چاغدا،
كۆزلىرىدە كۆردۈم تامچە ياش.
ئاھ ! دوسلىرىم يۈرەك سەزمەكتە،
ئۇ كۈزىتەر ئەمدى بىزلەرنى .
كۆزىدە ياش ئۇ يىغلار ئىدى،
قىيناپ قويدۇم دەيدۇ سىزلەرنى .

تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان

تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان،
يادىمدىدۇر خەندان كۆزلىرىڭ .
كۈلۈشۈڭنى ئەسلەيمەن بۇئان ،
ئۇنتۇلغاندۇر يالغان سۆزلىرىڭ .
ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىدەك قىزىل،
ئالۋۇن ئىدى تەبەسسۇمىڭ ھەم .
ئەي كۆزلىرى خەندان ئۇرغان قىز،
سەندىن ماڭا قالدى پەقەت غەم .
مەن بىلىمەن ئەڭ ئاخىرقى دەملەر،
ھالسىزلارچە ئۇزاتسام قولۇم .
سېنىڭ ، سېنىڭ تەبەسسۇمىڭ ئىچرە ،
كۆزلىرىمگە باقىدۇ ئۆلۈم.

جىملىق

دەردلىرىمنى ئېيتسام تۈنلىرى ،
-جىم ئولتۇرۇڭ دەيدۇ خوتۇنۇم.
ناخشا ئېيتسام ناۋالار قىلسام ،
-جىم بولۇڭ دەپ ۋارقىرار قوشنام .
جاراڭلىسا قولۇمدا كىشەن ،
-جىم بول دەيدۇ، قەھرىلىك دۈشمەن.
گۈلزار ئارا سايرىسا بۇلبۇل،
-جىم بول دەيدۇ سۇلغان ئەتىرگۇل.
ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشىلار ئېيتسا ،
-جىم ئولتۇرغىنا دەيمەن بالامغا .
جىم بولساڭچۇ دەپ ۋارقىرىماقتىمەن،
دىلىمدىكى يىغا -نالەمگە .
جىملىق مېنىڭ ئۆمرۈم-ھاياتىم،
جىملىق مېنىڭ ئاخىرقى پەريادىم .
جىملىق بىلەن چۈشكەن بەسمۇ-بەس !
پەقەت يۈرەك،
يۈرەك جىم ئەمەس…

شېئىرىيەت بۇ قىيىن ئىش ئەمەس

شېئىرىيەت بۇ قىيىن ئىش ئەمەس،
يازساڭ ئەگەر يۈرەكنى ئاسراپ .
بىراق شېئىرنىڭ بىر سەتىرنى دەپ ،
قان تۆكەرگەن تۈنلىرى مەشرەپ .
شېئىرىيەت بۇ قىيىن ئىش ئەمەس،
يېتەر تاپساڭ قاپىيە: ياز،ساز .
شېئىرغا بەزەن ھاۋادەك زۆرۈر،
ئەرك سۆزىگە قاپىيە : قىساس !
سەن ياشىغىن قورقۇپ قانچىلىك،
شېئىر ئۇنى قىلىدۇ ئاشكار .
قورقاق بولساڭ،قورقاق بولار شېئىر،
مەردانىمەن،دەپ جار سالساڭ بىكار !
ئانا يۇرتنى كۈيلىمەك ئۈچۈن،
شېئىر ئۈچۈن بەرگەندەك يۈرەك؛
ئۇنى يۇرتقا بەرمەك ئۈچۈن ھەم،
دائىم،تەييار تۇرمىغىڭ كېرەك .
تۇمارىستەك ئايال قوللىرىن،
قانداقلارچە تىلەركەن كەچكۈز .
قەغەزدىكى شېئىرىم يوللىرى،
يۈرىكىمدە قان قالدۇرغان ئىز .
زەھەر ئىچىپ ئۆلگەن ئاكتيوردەك،
پەردە چۈشسە تىرىلسەڭ بىكار .
شائىر-شېئىرى ئالدىدا تىرىك،
شېئىر ئۆلسە ئۆلمىكى دەركار !
شېئىر تۇيۇش- ناگىھان دىلدىن،
سەن قولۇڭغا ئالغاندا ناننى .
بۇغداي قېنى، يەردىن شۈمۈرگەن ،
ئەرك ئۈچۈن تۆكۈلگەن قاننى.

ماۋزۇسىز

1
يېشىل رەڭلىك ئاسمانغا باقتىم،
ئاسمىنىمغا ئايلاندى ئاسمان.
زۇمرەت دالا مېنىڭكى بولدى،
باققىنىمدا چەكسىزلىك تامان.

ئالتۇن رەڭلىك باغلارغا باقتىم،
ۋە كۆكسىمگە بېشىنى قويدى كۈز.
تاڭ نۇرىنىڭ دولقۇنىدا جىم،
يۈرىكىمدە چايقالدى كەچكۈز.

ئىچتىم ئوتلۇق شاماللارنى مەن،
شاماللارغا ئايلاندى باغرىم.
سۆيدۈم گۈزەل ئاياللارنى مەن،
ۋە ھاياتنى يېنىپ كۈيلىدىم.

ھەركىمنىڭ ھەم بولسۇن ئاسمىنى،
ئوت گۈللىرى بولسۇن قەلبىنىڭ.
كۈيلەي ئۇلۇغ ئۆزبېكسىتانىمنى،
ئەركىنلىكى بولسۇن ھەركىمنىڭ.

2
يىراق-يىراقلارغا كەتمەك ئىستەيمەن،
ھاۋالىق جايلارغا،يىراق جايلارغا.
بىر پارچە شېئىر يازماق ئىستەيمەن،
ئوخشىسۇن كۈزدىكى تولۇن ئايلارغا.

باھار قىرلىرىدا چېچەك شىۋىرلار،
شېئىرىم سۆزۈمنى ساڭا يەتكۈزسۇن.
مېنىڭ ئارمانلىرىم
مېنىڭ دەرىتلىرىم،
سەن كەزگەن باغلارنى ئىنتىزار كەزسۇن.

بىر چاغدا چېچىڭنى سىلىغان شامال،
تۈنلەرنىڭ قەرىدىن يېنىمغا كەلسۇن.
دەريا بويىدىكى سوڭغى مەجنۇنتال،
قېرىق تۈن دەردىنى سۇلارغا ئېيىتسۇن.

مەنمۇ شۇ دەريادەك ئارقاڭدىن باراي،
بۆلۈنۈپ-بۆلۈنۈپ كېتەي سايلارغا.
مەنمۇ شۇ سۇلاردەك ئارقاڭدىن باراي،
ھاۋالىق جايلارغا،ئايدەك جايلارغا.

ئاشۇ يىراقلارغا يېتىپ بارساممەن،
چەككەن ھەسرەتلىرىم تامام پۈتەرمۇ؟
گوياكى ئاناردەك قەلبىم يارساممەن،
بىر پارچە شېئىرغا قېنىم يېتەرمۇ؟

ساددا شېئىر

شائىرلاردىن ئايرىلمىسۇن غەم،
ياپرىقىدىن ئايرىلمىسۇن تال.

ئايرىلمىسۇن بايراقتىن شامال،
ئايرىلمايمەن سەندىن مەنمۇ ھەم .

تاڭ قۇياشىنى ئاسمانغا بەرسۇن،
قۇياش گۈلگە ئۈندۈرسۇن ياپراق.

ئىشقىم دىلدا بىر ئۆمۈر تۇرسۇن،
دۇنيا تۇرسۇن بىر ئۆمۈر تىترەپ.

كۈز

يەنە تىنماي شىۋىرلار يامغۇر،
يەنە دىلدا بىر مۇڭ تىترەيدۇ.
دالا-قىرنى باسىدۇ گوگۇم،
يەنە ئالەم بىردىن كەچلەيدۇ.

يۈرەك شاراب ئىچكۈسى كېلەر،
سەرمەسىت بولۇپ دىلدىكى ئارمان.
بەخىت ئىستەپ ئۇچقۇسى كېلەر،
قۇياشى يوق ئاسمانلار تامان.

كۈز گۈلشەنلىرى

كۆز ئوڭىمدا بىپايان باغلار،
ياپراقلاردا تىللارەڭ غۇبار.
يېقىنلىشىپ قالغاندەك تاغلار،
ھاۋا شۇنداق تىنىچ،بىغۇبار.

شىتىرلىغان تۇنجى يامغۇر ھەم،
تۇمانلارنى قۇغاغلىغان تاڭ.
قاپ-قارايغان دالا،قىر ھەم،
بەرى،ماڭا تونۇش قەدىردان.

دەرەخلەردە لاۋىلدار گۈلشەن،
يۈرىكىمدە ئۇنىڭ تەپتى بار.
باغچىلاردا خازانلار بىلەن،
ئۇچۇپ يۈرەر تۈندىكى باھار.

مېنى تاشلاپ كەتمەكچى دوسىتنى،
توختاتماقچى بولغاندەك بۇئان.
مېنى جىمغىنە قولۇمنى سوزدۇم،
كۆيۈۋاتقان گۈلشەنلەر تامان.

باللىق ھەقىدە شېئىر

ھېلىغىچە ئۇنۇتقىنىم يوق،
دەرەخلەرنىڭ تىلىنى،
قۇشلار بىلەن لۇغەتسىز سۆزلىشەلەيمەن.
ھېلىغىچە ئۇنۇتقىنىم يوق،
ھېلىھەم ئىشىنمەن،قايغۇرىمەن،
يۇلتۇز ئۇچسا تۈن ئاسمىندىن.
مايسىلارنى مىجىقلايمەن-
مايسىلارنىڭ دەرەخلەرگە ئايلىنىشىغا،
ئىشەنجىمنى يوقاتمىدىم ھېلىمۇ.
قورقاتتىم لېكىن،
باللىقتىكى قوشىنىمىزنىڭ ئىتىدىن،
چۆچەك كىتابلىرىمنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن.
بۈگۈن بولسا ئانامنىڭ ئاپئاق،
چاچلىرىغا قاراپ قورقىمەن.

بۈلدۈرگۈم : ئەسلىدە «ئۆزبېكىستان شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما» دىگەن بۇ چوڭ تېما ئاستىدىكى بىر يۈرۈش شېئىرلارنى يوللىماسلىقنى مۇۋاپىق تاپقانتىم. ( سەۋەبىنى بۇ يەردە دىيىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم)شۇڭا ئالدىنىقى بىر قېتىم ئىلان قىلىنىپ بولغان تېمنى مەن مۇنبەردىكى بىر ھوقۇقدارنىڭ كۆزىدىن نېرى قىلىش ئۈچۈن ئۆچۈرۋەتكەن. لېكىن بۇ تېمىغا دىققىتىنى ئاغدۇرۋاتقان بىر قىسىم دوسىتلىرىمىز، تورداشلىرىمىز ماڭا قايتا-قايتا ئۇچۇر قىلىپ، تېلفون قىلىپ بۇ تېمنى قانداقلا بولمىسۇن ئىلان قىلىپ ئايىغىنى چىقىرۋىتىشىمنى، بەزى كىىشلەرگە پەرۋا قىلماسلىقىمنى، مېنى رەنجىمەسلىككە ئۈندەپ تۇرۇۋالدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ يۈزىگە كېلەلمەي يوللىماسمەن دىگەن تېمنى قايتا يوللىدىم. مۇبادا بۇ تېما ئايرىم كىشىلەرنىڭ رەت قىلىشغا يوللۇقۇپ ئىلان قىلىنمىسا باشقا پىكرىم يوق.

Uyg’ur tiliga Yalqun Azizi tarjima qilgan (2012).

004

(Tashriflar: umumiy 45, bugungi 1)

Izoh qoldiring