Mirzo Kenjabek she’rlari uyg’ur tilida (Yalqun Azizi tarjimasi).

044
Веб-саҳифамиз билан уйғур ижодкорлари ўртасида пайдо бўлган мустаҳкам ижодий ҳамкорлик ўз натижаларини бермоқда. Биз муқаддам Шавкат Раҳмон ва Хуршид Даврон шеърларининг уйғур тилига қилинган таржималари билан таништирган эдик. Айни кунларда истеъдодли уйғур таржимони Ёлқун Азизий бир қатор ўзбек ижодкорлари (Тилак Жўра, Усмон Азим,Шавкат Раҳмон,Муҳаммад Юсуф,Мирзо Кенжабек, Иқбол Мирзо,Беҳзод Фазлиддин) шеърларини таржима қилиб,эълон қилди. Бу таржималар билан сизни бирин-кетин таништириб бораётганимизга Бир ҳафтадан ошди. Бугун истеъдодли шоир Мирза Кенжабекнинг уйғур тилига ўгирилган шеърларини тақдим этмоқдамиз.
Мирзо Кенжабек 1956 йил 20 февралда Сурхондарё вилоятининг Сариосиё туманида таваллуд топган. ТошДУнинг журналистика факультетини тугатган (1979). «Қуёшга қараган уй» (1983), «Муножот» (1986), «Шарқ тили» (1988), «Баҳорим еллари» (1991), «Муҳаббатнинг йўли хатарли», «Ҳасрат китоби» каби шеърий ва публицистик мажмуалари чоп этилган. А. С. Пушкиннинг «Евгений Онегин» шеърий романи, Ф. Атторнинг «Тазкират ул-авлиё» (1997) китоби ва бошқа бир катор исломий асарларни ўзбек тилига таржима қилган.

099

مىرزا كەنجبېك شېئىرلىردىن تاللانما
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يورۇق

011

مىرزاكەنجىبىك، 1950-يىلى20-فىۋرال ئۆزبېكىستاننىڭ سۇرخان دەريا ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان، تاشكەنىت دۆلەت ئونۋېرسىتىتىنىڭ ژۇرنالىسىتلىق فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن،1979 -يىلىدىن ئېتىۋارەن« قۇياشقا قارىغان ئۆي»«مۇناجات»« شەرق تىلى»«باھارىم شاماللىرى»« مۇھەببەتنىڭ يولى خەتەرلىك»« ھەسرەت كىتابى» قاتارلىق شېئىر ۋە پوبلىستىك ماقاللار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئۇ يەنە ئا.س. پۇشكىننىڭ« يېۋگىنى ئونگىن» ف. ئەتتارنىڭ«تەزكىرەت ئۇل ئەۋلىيا» قاتارلىق كىتابلارنى ۋە بىر قىسىم ئىسلامى كىتابلارنى ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
بۇ شېئىرلارنىڭ تەرجىمىسنى ئايپالتىغا بېغىشلايمەن.

مۇناجات
مەن زەبۇنمەن،تۈن قوينىدا قارا تۈنمەن،
تۈن باغرىمغا زىيالارنى كىمدىن سوراي ؟
ئۆزۈم كۆكمەن،ئۆزۈم يەرمەن،ئۆزۈم ئۈچۈن،
ئۆزدىن ئۆزگە دۇنيالارنى كىمدىن سوراي ؟

ئىشقىم بەرباد بولدى ئاۋات شەھەرلەردە،
بارچە كۈلدى مەن يىغلىدىم باھارلەردە،
شەبنەم بولۇپ يۈرەك تامغان سەھەرلەردە،
ئاسمىنىمغا زۆھرەلەرنى كىمدىن سوراي ؟

كۆكتىن سورا خىيالمنىڭ ھۆرلىرىنى،
يەردىن سورا پىشانەمنىڭ شورلىرىنى،
مەندىن سورا سەن دەرىتلەرنىڭ تۈرلىرنى،
مەن دەرىدىمگە داۋالارنى كىمدىن سوراي ؟

سەن تۈنلەرنى،يالدالارنى مەندىن سورا،
گۇناھلارنى، سەۋدالارنى مەندىن سورا،
سەن كۆزۈڭگە زىيالارنى مەندىن سورا،
مەن كۆكسىمگە ھاۋالارنى كىمدىن سوراي ؟

نىتەي، باردۇر بۇ تاغلارنىڭ ئارىسىدا،
ئاياغ ئىزى- يۈرۈگىمنىڭ –يارىسىدا،
شەپقەت يوقتۇر ئۇ كۆزلەرنىڭ قارىسىدا،
ئاق مىھىرلىك قارالارنى كىمدىن سوراي؟

مەلەك سېنىڭ مەلەكلىگىڭ يالغان ئىكەن،
پەلەك سېنىڭ پەلەكلىگىڭ يالغان ئىكەن،
يۈرەك سېنىڭ يۈرەكلىگىڭ يالغان ئىكەن،
ساڭا باشقا سامالارنى كىمدىن سوراي ؟

مەن كۆزۈمدىن ياشلار تۆكۈپ يىغلاي دوسىتلار،
كۆكسىڭىزگە باشلار ئېتىپ يىغلاي دوسىتلار،
تاش باغرىمغا تاشلار ئېتىپ يىغلاي دوسىتلار،
يوقاتمىشىم خۇدالارنى كىمدىن سوراي ؟

ئاھ ! يۈرۈگۈم ناۋا ئىستە،نىدالار قىل،
يا ناۋاسىز جەڭنامىلەر ئادالار قىل،
سوراپ يەتتى ئىقلىملەرغا سادالار قىل،
مەن ئۆمرۈمگە ناۋالارنى كىمدىن سوراي؟

سۆيەمسىز دىگىن
سۆيەمسىز دىگىن،سۇئاللار ياغدۇر،
بار گەپنى سۇغۇرۇپ ئالغىن كۆڭلىمدىن.
جىم قويۇشتۇرۇلغان قوللىرىم ئاخىر،
ئاستا سىيرىلىپ چۈشەر قوينۇمدىن.

سۆيەمسىز دىگىن،سۇئاللار ياغدۇر،
نۇرسىز كۈنلەرنىڭ پۈتسۇن ھىسابى.
تۇغيانلارنى ئىزلىسۇن يەنە،
سوغۇق سۆيۈشلەرنىڭ قايناق ئازابى.

سۆيەمسىز دىگىن،سوراۋەر،سورە
نىگاھىم تىتىرسۇن ئاپئاق كۆڭلىدڭدە.
پەرىشان ئەكسىمنى كۆرەي بىر نەپەس،
پەرىشان تەلمۈرۈپ تۇرغان كۆزىڭدە.

سۆيگىنىڭ يالغۇز يەتمەيدۇ نىتەي،
ئۆمرىمىز باغلىرى قالىدۇ غېرىپ.
سەن سۆيگۈ سوراۋەر مەن چىقىپ كېتەي،
مۇھەببەت ئاختۇرۇپ،مېھىر ئاقتۇرۇپ.

جازا
سېنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆڭلەكلىرىڭ بار،
يادىمغا سالىدۇ خۇشبۇي ئىپەكنى.
ھاياتنىڭ تارغىنا يۆلەكلىرى بار،
غەۋغا سالىدۇ گاھى بىزلەرنى.

سەن مېنى كۆرمەيسەن بايقىنايسەن ھېچ،
ئۆتىسەن جىمغىنە بېشىڭنى ئىگىپ.
سەن مېنى كۆرمەيسەن بايقىنايسەن ھېچ،
قوللىرىم قولۇڭغا تەگسىمۇ كىتىپ.

تۈنلىرى كېزىمەن دەرەخزارلىقنى،
بىر قىساس سېزىمەن جىمجىت شامالدا.
ئۇزۇن چاچلىرىڭنىڭ ھەسرىتى باردۇر،
جىمجىت يىغلاۋاتقان مەجنۇنتاللاردا.

ئاخىرى يېنىۋاتقان يۈرەكلىرىڭنى،
قىسمىتىم يۈزىگە قاراپ ئاتساڭچۇ!
بېشىڭنى ئەگدۇرگەن گۇناھلىرىڭنى،
ئۆزۈمنىڭ بوينىغا ئۆزۈم ئاسسامچۇ!

نىچۈن جىم ياشايسەن،تۇرغۇن ياشايسەن؟
سەزمەيسەن قوللىرىم تەگسىمۇ كېتىپ.
ئالەمدە مەن يوقتەك ھېچ بايقىمايسەن،
ياشايسەن جىمغىنە بېشىڭنى ئىگىپ.

مەن بولسام ياشايمەن ھايات باغرىدا،
ئۆكۈنۈش ئىچىدە يانغان قەلبىم بار.
لېكىن مەن بىلىمەن سېنىڭ قەلبىڭدە،
بىر مېنىڭ تاشلاندۇق قالغان قەۋرەم بار.

ھىكمەت
دۇنيا ئۆيۈڭ بولسۇن، چىمەنىڭ بولسۇن،
داھىم ئەركىن خىيال ھەمرىيىڭ بولسۇن.
دۇنيانى كەزسەڭمۇ جاھانكەز بولۇپ،
ئاخىرى قايتارغا ۋەتىنىڭ بولسۇن!

ئىبادەت
ئىبادەت نىمە؟ ياراتقۇچقا،
ئىتائەت ھەم ئىبادەتتۇر.
ھەقىقى بەندىلىك بىرلەن،
سائادەت ھەم ئىبادەتتۇر.

ئىبادەتتۇر، تىرىكلىكتە،
ئنتىلسەڭ گەر مەرىپەتكە.
مۇشەققەتلىك ئىلىم-سەنئەت،
قىرائەت ھەم ئىبادەتتۇر.

ئاتاڭ- ئاناڭ سېنىڭ ئەگەر،
ھەج قىلىشقا قىلسا سەپەر،
ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلساڭ،
شۇ خىزمەت ھەم ئىبادەتتۇر.

خەۋەر ئالدىڭمۇ بىماردىن،
قېرىنداش، دوسىت، مۇساپىردىن؟
بىراۋنى يوقلىساڭ دىلدىن،
زىيارەت ھەم ئىبادەتتۇر.

ئۆمىرىڭنى ئەتمىگىن ئىسراپ،
روزا تۇتقىن، ۋۇجۇدۇڭ ساپ.
ھەر بىر كېچە ئۇخلىساڭ پاك،
شۇ راھەت ھەم ئىبادەتتۇر.

داھىم ئاللاھنى ياد ئەتسەڭ،
ھالال بارىغا شۈكۈر ئەتسەڭ؛
قىيامەتتە پىكىر ئەتسەڭ،
تىجارەت ھەم ئىبادەتتۇر.

پۈتۈن بارلىق، گىياھلارمۇ،
ياراتقۇچىغا ئېتەر تەسبىپ.
دىھقان ئاتا ئېتىزلىقتا،
زىرائەت ھەم ئىبادەتتۇر.

ئىبادەتتۇر-بىرەر زالىم،
ئۈچۈن قىلساڭ گەر ھەق سۆز.
نادانلارغا سۈكۈت قىلساڭ،
سۈكۈنات ھەم ئىبادەتتۇر.

ئەگەر جۈپتىڭ بىلەن ھالال،
ئۆز كۆڭلىڭنى قىلساڭ خۇشال.
پەلەك شاھىد، مەلەك ھازىر،
بۇ سۆھبەت ھەم ئىبادەتتۇر.

بۇ ئىسلامدۇر، پۈتۈن ئۆمرۈڭ،
ئىبادەتتە ئۆتكەي كۈنۈڭ .
ئاگاھلىقتا ئۆتسەڭ ھەرداھىم،
شۇ چاغلار ھەم ئىبادەتتۇر.

پۈتۈن ئىمانى-ئىخلاستۇر،
بۇ قۇللۇق بەندىگە خاستۇر.
خۇدا دەپ باشلىساڭ ئىشنى،
نىيتىڭ ھەم، ئىبادەتتۇر.

سۆيۈپ مىرزا، پەقەت دوستلىق-
بىلەن دىللارنى ئاۋات ئەت.
ئەگەر ئاللاھ ئۈچۈن سۆيسەڭ،
مۇھەببەت ھەم ئىبادەتتۇر.

سالام بولسۇن
(بۇ شېئىر يۇنۇس ئەمرانىڭ بولۇپ، مىېزا كەنجىبىك ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلغان)

بۇ دۇنيادىن كېتەر بولدۇق،
قالغانلارغا سالام بولسۇن.
بىزنىڭ ئۈچۈن ئىزگۈ دۇئا،
قىلغانلارغا سالام بولسۇن.

ئەجەل پۈكتى بېلىمىزنى،
گەپ قىلدۇرماي تىلىمىزنى،
بىمار چاغدا ھالىمىزنى،
سورىغانلارغا سالام بولسۇن.

تېنىڭ ئوچۇق ئېچىلىدۇ،
ياقىسىز تون پىچىلىدۇ،
بىزنى سۆيگەن بىر ۋەج بىلەن،
يۇيغانلارغا سالام بولسۇن.

ئەزرائىل بىر كۈن ئالىدۇ جان،
تومۇرىمىزدا قۇرۇيدۇ قان،
تېنىمىزنى كېپەن بىلەن-
ئورىغانلارغا سالام بولسۇن.

كېتەر بولدۇق ئەمدى دوسىتلار،
تۈگۈلگەندە قانلىق مۇشلار،
ناماز ئۈچۈن ئۈستىمىزدە،
تۇرغانلارغا سالام بولسۇن.

بۇندىن ھەركىم كەتمەي نىتەر،
بارسا كەلمەس يولغا كېتەر،
ھالىمىزدىن ئۇچۇر-خەۋەر،
ئالغانلارغا سالام بولسۇن.

مىسكىن يۇنۇس سۆزلەر سۆزى،
قانلىق ياشقا تولۇپ كۆزى،
بىلمىگەنلەر بىلسۇن بىزنى،
بىلگەنلەرگە سالام بولسۇن.

كەلدىم
(بۇ شېئىر يۇنۇس ئەمرانىڭ بولۇپ، مىېزا كەنجىبىك ئۆزبېك تىلىغا تەرجىمە قىلغان)

مەن بىر ئەجەپ ھالدا كەلدىم،
ھېچكىم ھالىم بىلمەس مېنىڭ.
مەن سويلايمەن،مەن تىڭلايمەن،
ھېچكىم تىلىم بىلمەس مېنىڭ.

مېنىڭ تىلىم قۇش تىلىدۇر،
مېنىڭ قولۇم دوسىت قولىدۇر،
مەن بۇلبۇلمەن،دوسىت گۈلۈمدۇر،
بىلىڭ،گۈلۈم سولماس مېنىڭ.

ئۇ دوسىت مېنى كەلسۇن دەيمىش ،
سۇندۇم قەدەھ، ئالسۇن دەيمىش ،
ئالدىم قەدەھ، ئىچىپ شاراپ ،
ئەمدى كۆڭلىم ئۆلمەس مېنىڭ。

نە تۇرىم بار، نە تۇرارىم؟
ھېچ بىر يەردە يوق ماكانىم،
ھەققە مۇناجات قىلماق ئۈچۇن،
مۇقىم يېرىم بولماس مېنىڭ.

تۇرغان يەرنى سورساڭ مەندىن،
كۆرۈستەرمەن كەلسەڭ ساڭا.
بىر زەرىچە ھەقتىن قاچسام،
كۆزۈم ھېچ يەر كۆرمەس مېنىڭ.

تۇر تېغىدا بىر تەجەللى،
كۆر مۇسانى نىمە قىلدى ؟
يۇنۇس ئېيتار :ھەق ئالدىدا،
سۆزۈم يەردە قالماس مېنىڭ.

(Tashriflar: umumiy 144, bugungi 1)

Izoh qoldiring