Shavkat Rahmon she’rlari uyg’ur tilida («Moybuloq» jurnali,2014, 1-son)..

033

20-ئەسىر ئۆزبېك شېئىرىيتنىڭ ئۆزىگە خاس ۋەكىلى، مىللەتپەرۋەر شائىر شەۋكەت راھمان1950-يىلى قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋىلايىتىنىڭ قارا سۇ ناھىيىسىگە قاراشلىق پامىر مەھەللىسدە سودىگەر ئائىلىسدە تۇغۇلغان. 1975-يىلى موسكىۋادىكى ئەدەبىيات ئېنىستوتىنى پۈتتۈرگەن.1977-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى« رەڭگىن لەھزىلەر»1981-يىلى «يۈرەك قىرلىرى»1984-يىلى«ئوچۇق كۈنلەر»1985-يىلى« گۈللەۋاتقان تاش»1986-يىلى«ئويغاق تاڭلار»1988-يىلى«ھۇلۋا»1997-يىلى« شاۋكەت راھمان شېئىرلىرىدىن سايلانما»قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان . ئۇ ھايات ۋاقتىدا لوركا، ئالبىرىتى، ھېمنىز قاتارلىق چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلغان.1996-يىلى 2-ئۆكتەبىر تاشكەنىت شەھرىدە 46 يېشىدا ۋاپات بولغان. شائىرغا شۇ يىلى(1996-يىلى)ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن مەدەنىيەت-سەنئەت خادىمى دەپ ئۇنۋان بېرىلگەن.

تۆۋەندىكى شېئىرلار شائىرنىڭ ئۆزبېكىستان ماۋەرائۇنەھر نەشىرياتى2012-يىلى نەشىر قىلغان «ئەبەدىيەت ئارىلاپ»( تاللانما شېئىرلار توپلىمى)دىگەن شېئىرلار توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ دىققىتىڭلارغا سۇنۇلدى. بۇ قېتىم شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا ئىلگىرى مېنىڭ دىققەتسىزلىكتىن چۈشۈپ قالغان ئايرىم سۆز،جۈمۈللەر تۈزتىلدى ۋە تولۇقلاندى.

01
شەۋكەت راھمان شېئىرلىرىدىن تاللانما
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يالقۇن ئەزىزى
03

تەرىقەت

دۇنياغا سىغمىدىم
سىغمىدى دۇنيا،
غۇربەتتىن تارايغان تەبىئىتىمگە.
قاپ-قارا چېچەكتەك چېچىلغان ھۇليا،
ئەجداتلار كۆمۈلگەن تەرەققىتىمگە.
يىقىتسا شۇ يولدا يىقىتسۇن تەقدىر .
مەيلىلا
چېچەكلەر قاپ-قارا بولسۇن.
خۇداھىم بەرگەن ھۆرلىگىم ياخشى،
قۇرۇتلۇق ئېستەكلەر شولىسى سۇنسۇن!
پىچىلغان قۇللارنىڭ
قۇلزادىلارنىڭ،
مەلەك سىماھلىرنى ئويناتقان دۇنيا.
يارالغان لەھزىدىن ھۆر ئادەملەرنى،
ئىبلىسلاردا تىلىدا سويلاتقان دۇنيا.
چىرايلىق چۆچەكلەر مەنزىلىدۇر ئۇ،
مېغىزى قايغۇدىن، پوستى زەھەردىن.
سارغىيار ئېچىلماي تۇرۇپ قىزىلگۈل،
تۇپرىقى جىمغىنا قۇسقان زەھەردىن.
چايقىلار جاھالەت ئوچاقلىرىدا،
نەچچە مىڭ مەشرەب ۋە
مەنسۇرى، ھەللاج.
بارغانچە يۈكسلەر يول بويلىرىدا،
ئادىمىزات قېنىغا تويمىغان جاللات.
تاكەي بۇ ئىبلىسلىق
تاكەي بۇ يالغان،
تاكەي تىغ كۆتۈرەر قارا گورۇھلار.
تاكەي سېسىپ ياتىدۇ غېرىپ ئالامان،
ئىچىگە تىپ-تىرىك كۆمۈلگەن روھلار.
خەنجەردەك روھ كېرەك
كېرەك چىن ياغدۇ،
چىن ئىشىق يالقۇنى باغرىمغا تولسۇن.
جىسمىمنى ئاغرىتسۇن پەقەت چىن ئاغرىق،
چېچەكلەر قاپ-قارا بولسىمۇ بولسۇن.
باغرى كەڭ خۇداھىم
مەخپىرەت قىلار،
يىقىلسام يەتمەي ئۇ ھەقىقىتىمگە.
كۆمۈلسەم كۆمۈلەي ئۆلۈمى گۈزەل،
ئەجداتلار كۆمۈلگەن تەرىقىتىمگە..

كەل يوشۇرۇپ قوياي مەن سېنى

كەل يوشۇرۇپ قوياي مەن، سېنى،
يۈرىكمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە.
كىيىن سەنمۇ يوشۇرغىن مېنى،
يۈرىكىڭنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە.

ئەۋج

شەۋكەت راھمان
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يالقۇن ئەزىزى

مەن شۈھبىسىز پارچىلىنىمەن،
شۇنداق تۈگەر بۈيۈك خىزمىتىم.
كىمگە كۆزۈم،كىمگە پىشانەم،
كىمگە تېگەر قىززىق قىسمىتىم.
غەليانلارغا تولغان ۋۇجۇتتىن،
ئاخىر دۇنيادا بولىدۇ خالاس.
يەر ئاستىغا كېرىپ كېتىمەن،
بارچە مۆمىن بەندىلەرگە خاس.
بىراق يەردە مەڭگۈ ياشايدۇ،
كونا يۈزۈم، ئويچان كۆزلىرىم.
دىمەك ئۆلمەس بۇ دۇنيادا ھېچ،
خۇدا بەرگەن ئىزگۈ سۆزلىرىم.
ئۇلار ياڭراپ تىنماي ئايلىنار،
رەزالەتنىڭ تەۋەرىگىدە.
مەنچۇ، مەڭگۈ كۈلۈپ ياتارمەن،
قۇلاق سېلىپ يەرنىڭ تېگىدە.

ئىقبال مىرزا

ئۆزبېكىستان

شەۋكەت راھمان قايغا كەتتى بۇرادەرلەر؟

ئۇچۇپ قونۇپ،ئۇچۇپ قونۇپ شام-سەھەرلەر،
نەفىس سەنئەت سەھنىسى دەپ ئايغا كەتتى.
شەۋكەت راھمان قايغا كەتتى بۇرادارلەر؟
كېپىنەكلەر ئۇچمايدىغان جايغا كەتتى.

كىم قۇياشقا سالدى يەردىن تېپىپ گۆھەر،
كىم كۆڭلىگە شولا ئىزلەپ ئايغا كەتتى.
شەۋكەت راھمان قايغا كەتتى بۇرادەرلەر؟
چىراغ يېنىپ ئۆچمەيدىغان جايغا كەتتى.

چار بازاردا سۆز ئاختۇرار خېرىدارلار،
بىراۋ كاتتا كەتسە بىراۋ مەيدە كەتتى.
شەۋكەت راھمان قايغا كەتتى بۇرادەرلەر؟
يالغان قەسەم ئىچمەيدىغان جايغا كەتتى.

ئاياللارنىڭ بەندى بولدى قايسى مەردلەر،
قاي دەرۋىشلەر چاغىر بىلەن مەيگە كەتتى.
شەۋكەت راھمان قايغا كەتتى بۇرادەرلەر؟
تۆھمەت تېشى چۈشمەيدىغان جايغا كەتتى.

نەغمىلەرنى بەس قىلىڭلار ئەمدى يېتەر،
قوللىرىڭىز بىكار دۇتار،نەيگە كەتتى.
شەۋكەت راھمان قايغا كەتتى بۇرادەرلەر؟
ئاسايىشتا ئۇخلايدىغان جايغا كەتتى.

-شەۋكەت راھمان ئۈچۈن ئىشلەنگەن مەخسۇس ۋىدىئودىن نەق مەيدا دىكلاماتسىيەسى بويىچە
قەلەمگە ئېلىندى. بەلكىم قەلەمگە ئېلىش داۋامىدا خاتالىقلارغا يول قويغان بولۇشۇم مۇمكىن،ئەھلى ئۇستازلارنىڭ تۈزۈتۈپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مەرھۇم شەۋكەت راھمان ئۆزبېك شېئىرىيىتىلا ئەمەس،پۈتكۈل تۈركىيلەرنىڭ شېئىرىيىتىدىمۇ مۇئەييەن تەسىرگە ئېگە دەپ ئويلايمەن.ئۇنىڭ شېئىرلىرى يۈرەكلەرنى تىترىتىدۇ.

-يارغول

مەنبە«مايبۇلاق»ژۇرنىلى 2014-يىلى 1-سان
(«Moybuloq» jurnali,2014, 1-son)

xdk

(Tashriflar: umumiy 52, bugungi 1)

Izoh qoldiring