Shavkat Rahmon she’rlari uyg’ur tilida (Yalqun Azizi tarjimasi) — 02

022Веб-саҳифамиз билан уйғур ижодкорлари ўртасида пайдо бўлган мустаҳкам ижодий ҳамкорлик ўз натижаларини бермоқда. Биз муқаддам Шавкат Раҳмон ва Хуршид Даврон шеърларининг уйғур тилига қилинган таржималари билан таништирган эдик. Айни кунларда истеъдодли уйғур таржимони Ёлқун Азизий бир қатор ўзбек ижодкорлари (Усмон Азим,Шавкат Раҳмон,Муҳаммад Юсуф,Мирзо Кенжабек, Иқбол Мирзо,Беҳзод Фазлиддин) шеърларини таржима қилиб,эълон қилди. Биз бу таржималар билан сизни бирин-кетин таништириб борамиз. Эътиборингизда бўлса,бир йилдан зиёд вақт аввал биз Ёлқун Азизийнинг унутилмас шоир Шавкат Раҳмон шеъриятидан қилган дастлабки таржималари билан таништирган эдик. Бугун эса Шавкат Раҳмон шеърларининг янги таржималарини тақдим этамиз.
Яна бир бор ўзбек адабиётининг тинчимас тарғиботчилари бўлмиш уйғур таржимонларига,хусусан,Ёлқун Азизий ва Масъуд Эйсога чексиз миннатдорчилигимни билдираман.

Хуршид Даврон

044

شاۋكەت راھمان شېئىرلىرىدىن تاللانما
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يورۇق

022

-ئەسىر ئۆزبېك شېئىرىيتىنىڭ ئۆزىگە خاس ۋەكىلى، مىللەتپەرۋەر شائىر شاۋكەت راھمان 1950-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ ئوش شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى موسكىۋادىكى ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ئېلان قىلىنىشقا باشلانغان بولۇپ بۇ يەردە ھەلىمە خۇدابەردىيىۋا، مۇراد مۇھەممەد دوسىت، سابىت مەدەلېۋ،قاتارلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ئوقۇپ 1975-يىلى ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن تاشكەنتكە قايتىپ كېلىپ نەشرىياتلاردا مۇھەررىرلىك قىلغان.1996-يىلى ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن مەدىنيەت خادىمى دەپ ئۇنۋان بېرىلگەن. 1996 -يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان. ئۇ شۇ يىلى 46 ياشتا ئىدى. شائىرنىڭ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى« تاللانغان ئەسەرلەر توپلىمى( شاۋكەت راھمان ئەسەرلىرىدىن تاللانما) نەشىر قىلىنغان. شائىرنىڭ شېئىرلار توپلاملىرىدىن« گۈزەل لەھزىلەر» (1978-يىلى) «ئاچچىق كۈنلەر»(1984-يىلى) «گۈللەۋاتقان تاش» (1985-يىلى)« ئويغاق تاڭلار» (1986-يىلى)« خۇلۋا» (1987-يىلى) قاتارلىقلار بار.ئۇ ھايات ۋاقتىدا لوركا شېئىرلىرىنى ئۆزبېكچىگە تەرجىمە قىلغان.
بۇ شېئىرلارنىڭ تەرجىمىسىنى گۈلەنگە بېغىشلايمەن.

09

بۆرىلەر

قىرعىن بولدى ۋابا كەلگەندەك،
مۇردىلارمۇ تۇردى گۆرىدە.
كۆپۈكلەنگەن قارا سەللەردەك،
ئۇچۇپ كەتتى قانخور بۆرىلەر.
ئاچلىق قاپلاپ كەتكەن ئۆلكىدە،
ئاپەت بولعان ماكانلاردا ھەم.
پارچىلانعان زۇلمەت كۈلكىسى،
پەيدا بولعان ئىدى دەفئەتەن.
كۈنلەر
ئاچچىق قانلىق يارىدەك،
تۈنلەر
ئايدىن خەرابەزارلار.
جەسەدلەرگە تولغان تاڭلارنى
تىتىرتىدۇ پەرياد سالغانلار.
ئەل قىرىلدى تۈركي ئۆلكىدە،
ئەر قالمىدى،كەلدى ئەجىلى.
يەلكىگىچە پاتتى كىم قانعا،
كىم گاڭگىردى ناماز مەھەلى؟
يىللار ئۆتتى
گويا ھەممنى،
چالعىتقاندەك ئۆتكۈنچە كۈلپەت.
قانعا تەشنا مىليون شارپىنى،
يوشۇرماقتا قەھرىدە زۇلمەت.
ئەھلى مۇسلىم
ئەمدى ئاگاھ بول،
قانخور گورۇھ ھىلىمۇ تىرىك.
ئۆلەر بولساڭ ئازاتلىقتا ئۆل،
ياشاي دىسەڭ ئەمدى سەن بىرىك!
ئەگەر دۈشمەن تۇمشىقىن سوزسا،
ئەجداتلارنىڭ ئەزىز گۆرىگە.
جىم تۇرمىغىن قوي مىجەز حەلق،
بەس كېلەلمەي بىرەر بۆرىگە!
كۆرسەم دەيمەن
قەھرى عەزەپتىن،
گۆرلىرىدە تۇرسۇن مۇردىلار.
روھى ئازات بولسۇن ئازابتا،
گۈللىرىنى سۆيۈپ تۇرغانلار.
تاكى ھەر بىر مۇسلىم قەبرىگە،
ھېچ يوشۇرماي كۆزدە يېشىنى؛
ئەۋلادلارمۇ لەنەت دىمەستىن،
قويسا دەيمەن قەبرە تېشىنى.

ئاۋازىم

نىھايەت شېئىر ئوقۇدۇم ئاسمانغا قاراپ،
نىھايەت تارالدى ئوتتەك سۆزلىرىم.
نىھايەت ھەق بولسا ۋەتىنىم ئەسلى،
قۇرۇق سۆز دەرمىتى گۇمراھ دوسىتلىرىم.
نىھايەت بىكار ئۆتتى
گۈلدەك ئۆمرۈمنىڭ،
مىڭ يىلغا تېتىغلىق ئالتۇن چاقلىرى.
نىھايەت بىر روھىنى ئويغىتالمىدى،
شائىر يۈرىكىمنىڭ قالدىراقلىرى.
نىھايەت بىر مەرتە دىلغا يېتەلمەي،
مەن تۆكتىم بىھۇدە تەردىن ئۈنچىلەر.
كېلىپ كېتىۋەردى يورۇق دۇنياغا،
كېلىپ كېتىۋەردى مەندەك كۈيچىلەر؟!
ماڭا مۇنبەر ئەمەس
ئۇنۋانلار ئەمەس،
لاتا چېچەك ئەمەس
ئېھسانلار ئەمەس؛
يالقۇنلۇق سەھرانى
يۇرتۇم خىيالى،
نۇردەك چاقناپ تۇرغان سەھرا بېرىڭ بەس!
مەن ئەركىن سۆيگۈنىڭ مۇختار ئەلچىسى-
ياتمايمەن پەسلەرچە تىنىچ تۇپراقتا.
ئاينىڭ سۇنىقىدەك چاقنار سىنىچلىرىم
جەسىدىم تىرىكتۇر يورۇق دۇنيادا.
ئەگەر يەتتە قەۋەت يەرنىڭ قەھرىدە،
ياتساممۇ لەرزىگە سېلىپ ھاۋانى.
جىسمىمنى كۆيدۈرۈپ ئۇچقان ئاۋازىم
تاپىدۇ بەرىبىر خەلقىم كۆڭلىنى.

كۆچۈرۈلمە

گۈزەللىك پاكلىقتىن ئۇيۇلۇپ،
قىسىلىپ،ئەندىكىپ تۇرىسەن.
قاپ-قارا تاملارغا يۆلىنىپ،
يوپ-يورۇق خىياللار سۈرىسەن.

ئىلاھىم تاڭسىمان يۈزىگە،
ھېرىستا تەلمۈرۈپ باقىدۇ.
كۆزلىرىم تەلمۈرەركۆزىڭگە،
قەلبىڭنى ئازابلار ياقىدۇ.

يىغلىما بولدىلا سەۋىر قىل،
ئاتسىمۇ جاھالەت تېشىنى.
لېۋىڭنى قاتتىقراق چىشلىگىن،
كۆرسەتمە كۆزىڭنىڭ يېشىنى.

خىرگاھى

ھەمىمىز قۇياشتا كۆيگەن جىززەبىز،
قاچان تىز چۆكىۋىدۇق، ئۆچتى ئىزىمىز.
سىقىراپ ئاغرىيدۇ ئىششىق تىزىمىز،
ئورنىدىن ئازراقلا تۇرساق مەيلىمۇ؟
ئۆتكەنلەر بەگدۇر-بەگ، قالغان جاۋدىرار،
بوينىدا كۆرۈنمەس گۈللەر شالدىرار،
مېھنەتتىن يېرىلغان قوللار قالىترار،
ئۆزبېكىم يېرىدە يۈرسەك مەيلىمۇ؟
شاماللار گۈللەرمىش ئازاد تاڭلاردا،
ئازاتلىق ئاۋازى سول ۋە ئوڭلاردا.
ئاتىلار قىينىلىپ تىككەن باغلاردا،
ئېغىناپ بىر خىيال سۈرسەك مەيلىمۇ؟
نەچچە مىڭ ئەللامە ئەجداتلار ئۆلگەن،
تەپەككۇر سېسىپ،
روھلىرى چىرىگەن،
ئۇرۇقلار ئاينىغان تاپ-تاقىر چۆلدە،
ئۆزبېكىم ۋەتىننى قۇرساق مەيلىمۇ؟
يۈز ئەللىك يىل ئۆتتى، مانا شۇ ھالەت،
ھېلىھەم داۋام ئېتەر مەككار تىجارەت.
بىلمىدىم، نەدىن كەلدى ئۇشىبۇ ھالەت،
نىمىشقا بولمايسىز بىر ئاز خىجالەت؟
نىمىشقا سورايمەن سىزدىن ئىجازەت ؟
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھ : خىرگاھى، تۆۋەن،پەس،ئاۋاز دېگەن مەنىدە

ئەمدى جىم تۇرارسىز

ئەمدى جىم تۇرارسىز
پەقەت ئىلاج يوق،
دۇنيا ئۆزگەرمىدى سىز ئېيتقان سۆزدىن.
سىز قۇرغان قەسىرلەر ۋەيرانە بولدى،
ئوت-چۆپكە لىق تولدى سىز ئۈزگەن ئېقىن.
ئەمدى جىم تۇرارسىز
ئاخىر بىلىمەن،
ئەمما ھەركىمگە تەقدىر نېسىپتۇر.
بىلمەكچى بولسىڭىز ئەگەر شائىرلىق-
جاسارەت سۆزىنىڭ تەرجىمىسىدۇر.
ئەمدى جىم تۇرارسىز
تىڭلىڭا ئەلنى،
ئەل ئەسلا دىمەيدۇ، زاغلار كۈيلىسۇن.
ئەمدى كەڭلىكلەردە ھەق سورىماستىن،
يەرنى بىزەپ ياتقان باغلار كۈيلىسۇن.
كۈيلىسۇن
كەلدى–دە كۈيلەشنىڭ پەيتى،
كۈيلىسۇن مەڭگۈلۈك قوشۇقلىرىنى.
بۇزسۇن-دە سىز كەبى ئەقلى قىسقىلار،
خەتەرسىرەپ قۇرغان توسۇقلىرىنى.
ئانا… قۇلاق سېلىڭ…
تىڭلاۋاتامسىز،
كۈيلەر شائىر شامال، كۈيلەر شائىر قار.
شائىر قاراڭغۇلۇق، شائىر تاڭلاردا،
شائىر دەريانىڭ شاۋقۇنلىرى بار.

ۋەتەن

ھېلىغىچە بىر ئىشنى دورىيالمىدىم،
ھېلىغىچە بىراۋنى قىلمىدىم رازى.
بىھۇدە ئۆتۈپتۇ گۈزەل ئۆمرۈمنىڭ،
قانچىلىك چىرايلىق باھارى-يازى.
بەخىتنى پەقەتلا ئۇنتۇپلا قالدىم،
باغرىمغا چېقىنلار تەگدى دەفئەتەن.(1)
سېنىڭدىن ئۇلۇغراق نەرسە يوقلىقىنى،
چېچىم ئاقارغاندا ئاڭلىدىم ۋەتەن.
كېچىكىپ ئاڭلىدىم
نىچۈن كېچىكىپ،
ئاڭلىسام بى ئەقىل ئوتتۇز يىل ئاۋال،
بى ئەقىل تۇغۇلماي تۇرۇپ ئاڭلىسام،
كۆرگەن بولارمىدىم سېنى مۇكەممەل.
ھېلىھەم ئۇلۇغ ۋەتەن بولمىقىڭچۈن،
ئاۋازى تاشلارنى يارار كۈيچىلەر.
قانچىلاپ سېھرىگەر شائىرلار كېرەك،
قانچىلاپ بىلىم كېرەك
قانچە كۈچ –چىدام.
ئۆمرۈم كوچىلادەك جىمجىت، شىددەتلىك،
چوڭراق بىر تىناي دەيمەن بىر كۈنى بىمالال.
ياخشى ئادەم بولۇشقا قىلىدۇ كەملىك،
خېلىلا كەملىك قىلىدۇ ياشىماق ھالال.
بەكمۇ كېچىكىپ ئاڭلىدىم سېنى،
چېقىنلار يوق قىلسا مېنى دەفئەتەن،
ئېيىت قانداق چىدايمەن بۇنداق خورلۇقتا،
ئېيىت قانداق ياتىمەن باغرىڭدا ۋەتەن؟!
ـــــــــــــــــــ
ئىزاھ :دەفئەتەن — تۇيۇقسىز، بىردىن، ئۇشتۇمتۇت دېگەن مەنىدە

تەرىقەت

دۇنياغا سىغمىدىم
سىغمىدى دۇنيا،
غۇربەتتىن تارايغان تەبىئىتىمگە.
قاپ-قارا چېچەكتەك چېچىلغان ھۇليا،
ئەجداتلار كۆمۈلگەن تەرەققىتىمگە.
يىقىتسا شۇ يولدا تەقدىر يىقىتسۇن
مەيلىلا
چېچەكلەر قاپ-قارا بولسۇن.
خۇدايىم بەرگەن شۇ ھۆرلىگىم ياخشى،
قۇرۇتلاپ كەتكەن ئېستەكلەر سۇنسۇن!
پىچىلغان قۇللارنىڭ
قۇلزادىلارنىڭ،
مەلەك سىماھلىرنى ئويناتقان دۇنيا.
يارالغان لەھزىدىن ھۆر ئادەملەرنى،
ئىبلىسلاردا تىلىدا سويلاتقان دۇنيا.
چىرايلىق چۆچەكلەر مەنزىلدۇر ئۇ،
مېغىزى قايغۇدىن، پوستى زەھەردىن.
سارغىيار ئېچىلماي تۇرۇپ قىزىلگۈل،
تۇپرىقى سۈكۈتتە قۇسقان زەھەردىن.
چايقىلار جاھالەت ئوچاقلىرىدا.
نەچچە مىڭ مەشرەپ
مەنسۇرى–ھەللاج،
بارغانچە يۈكسلەر يول بويلىرىدا.
ئادىمىزات قېنىغا تويمىغان جاللات.
تاكەي بۇ ئىبلىسلىق
تاكەي بۇ يالغان؛
تاكەي تىغ كۆتۈرەر قارا گۇرۇھىلار.
تاكەي ياتىدۇ غېرىب ئالامان،
ئىچىگە تىرىك كۆمۈلگەن روھلار.
خەنجەردەك روھ كېرەك
كېرەك چىن ياغدۇ،
چىن ئىشىق يالقۇنى باغرىمغا تولسۇن.
جىسمىمنى ئاغرىتسۇن پەقەت چىن ئاغرىق،
چېچەكلەر قاپ-قارا بولسىمۇ-بولسۇن.
باغرى كەڭ خۇدايىم
كەچۈرۈم قىلار،
يىقىلسام يەتمەي ئۇ ھەقىقىتىمگە.
كۆمۈلسەم كۆمۈلەي ئۆلۈمى گۈزەل،
ئەجداتلار كۆمۈلگەن تەرىقىتىمگە..

كەل يوشۇرۇپ قوياي مەن سېنى

كەل يوشۇرۇپ قوياي مەن سېنى،
يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر يېرىگە.
كىيىن سەنمۇ يوشۇرغىن مېنى،
يۈرىكىڭنىڭ چوڭقۇر يېرىگە.

تاپالمىسۇن بىزلەرنى بىراۋ

ئەگەر

تۆھمەتتىن يىقىلسا ئەگەر بىر دوستۇم،
مەن بولسام خىلۋەتتە مۆكۈنۈپ ياتسام.
بۇمۇ يەتمىگەندەك كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي،
پاكمەن دەپ ئويناقلاپ خاتىرە ساتسام.
ياق بولماس
ياشايتتىم، بېشىمنى ئىگىپ،
يۈرەتتىم ئۆمۈربات يۇرت-يۇرتمۇ كېزىپ.
ئادىمزات كۆزىگە تىك قارالماستىن،
كۆكسۈمگە ئىگىلگەن بولاتتى بېشىم.
ياق، ياق، ياق
ئەلۋەتتە، بىرگە بولاتتىم،
دوزاخ مالايلىرى ئىشقا چۈشكەن چاغ.
دوستۇمغا يانمۇ-يان تۇرۇپ، ئۆلەتتىم،
ئېھتىمال ئۆلەتتىم ئۇندىن ئالدىنراق…

ئەۋىج

مەن شۈھبىسىز پارچىلىنمەن،
شۇنداق تۈگەر بۈيۈك خىزمىتىم.
كىمگە كۆزۈم،كىمگە پىشانەم،
كىمگە يېتەر قىززىق قىسمىتىم.
غەليانلارغا تولغان ۋۇجۇتتىن،
ئاخىرى دۇنيا بولىدۇ خالاس.
يەر ئاستىغا كىرىپ كېتىمەن،
بارچە مۆمىن بەندىلەرگە خاس.
بىراق يەردە مەڭگۈ ياشايدۇ،
كونا يۈزىم،ئويچان كۆزلىرىم.
دىمەك ئۆلمەس بۇ دۇنيادا ھېچ،
خۇدا بەرگەن ئىزگۈ سۆزلىرىم.
ئۇلار ياڭراپ تىنماي ئايلىنار،
رەزالەتنىڭ تەۋەرۈگىدە.
مەنچۇ؟ مەڭگۈ كۈلۈپ ياتارمەن،
قۇلاق سېلىپ يەرنىڭ تېگىدە.

ئۆمۈر–قۇم سائەت

ئۆمۈر-قۇم سائەت
يېرىملاپ قالدى،
كۆڭلىم تولمىدى بىلگەنلىرىمدىن.
دىلىمنى ئاغرىتتى كەچۈرمىشلىرىم.
كۆپتۇر قىلمىغىنىم، قىلغانلىرىمدىن،
كېچىلەر بارغانچە، روشەنلىشىدۇ،
كۆزۈڭدە قۇياشىنىڭ چېچىكى سولماس.
ياشىغۇڭ كېلىدۇ
پەقەت ئۆمۈرنى
قۇم سائەت مىسالى بىلگىلى بولماس.
گۈزەللەر يادىمدىن ئۆچتىغۇ بىر-بىر،
دوسىتلىرىم باغرىمدىن كۆچتىغۇ بىر-بىر،
يىللىرىم ئۈزۈلۈپ چۈشتىغۇ بىر-بىر،
پەقەت بۇ كۆڭلىمنى
تولدۇرۇپ بولماس.
كۈن كەلدى،
شادلىقىڭ ئۇچىدىغان كۈن،
يۈرۈگىڭ ئالەمگە سىغمايدىغان كۈن.
يۈزۈڭنى باسقانچە يەرنىڭ يۈزىگە،
سىلكىنىپ-سىلكىنىپ يىغلايدىغان كۈن!
كىملەرنى خوش قىلدىم
كىمنى ئۈمىدۋار؟
كىملەرگە كۆڭلىمنى يېرىپ ئوينىدىم؟
ساناقسىز سوزۇلغان ئاجىز قوللارغا،
قولۇمنى سوزدىممۇ ئۆتمۈش قوينىدىن!
قۇياش دالدىسدا ئىگىلگەنلەرنىڭ،
كۆرمەسكە سالدىممۇ ئوغۇرلىقىنى؟
ئېيىتتىممۇ كىملەرنىڭ ئەسلى دوسىتىمىز،
كىملەرنىڭ ھەقىقىي رەقىبلىكىنى؟
كۈن كەلدى
بېشىڭنى ئىگىدىغان كۈن،
ھەتتاكى ئۆزگىلەر گۇناھى ئۈچۈن.
يۈزۈڭنى تەككۈزۈپ يەرنىڭ يۈزىگە،
سىلكىنىپ-سىلكىنىپ يىغلايدىغان كۈن.
مەندىن نىمە قالىدۇ
ئەبەدىي نۇرلار،
بەرق ئۇرۇپ چاقنىغان بۇ كەڭ دۇنيادا.
بىر كۆڭۈل قالىدۇ، قالسۇن ھەم مەندىن،
ئىنتىلىپ، تېپچەكلەپ
پەقەت ئارماندا.

بىشارەت

سۈرىلمەكتە تۆمۈر پەردىلەر،
ئىستىبىداتنىڭ تاغلىرى غۇلار.
تەبىئەتنى باسقان قارلاردىن.
مىليۇن ئازاد روھلىرى تۇرار.
توسۇپ بولماس
ساختا ۋەھىنى،
يالغان شائىر،سەپسەتە بىلەن.
ھۆر پىكىرنى باسسىمۇ گەرچە،
دەبدەبە ۋە داغدۇغا بىلەن.
غۇلار قانغا كۆيگەن قەسىرلەر،
غۇلاپ يوقار ساتقىن سەلتەنەت.
يەكسان بولار ئەسرىي نەھسدەن،
بىنا بولغان ياۋۇز شەيتانەت.
كېلەر
كېلەر بۈيۈك مېھرىلىك،
مۈرىلەرنى تىرەيدىغان كۈن.
غەمدىن خالى نومۇسسىز باشلار،
كۆكرىگىگە پەسلەيدىغان كۈن.
چاقنار تاشتا ئېيىتقان سۆزلىرىم،
چاقنار مەڭگۈ ئىنسانلىق روھىم.
چاقنار ھەققە تەشنا كۆزلىرىم.
خۇدا بەرگەن مەڭگۈ ھەسىرىتىم.
يورۇق ھەسىرىتىم.

دۈشمىنىم كۆپەيدى

دۈشمىنىم كۆپەيدى
ھەتتا ئۆلۈكنىڭ،
باھارنى سېغىنغان قۇتلۇق ئويلىرى.
خىلۋەتكە يىغىلىدى خورلىق،ئار-نومۇس
جاڭگالدا بۆھتان ۋە ئىغۋا لايلىرى.
ئادەمدەك ياشىسا بولاتتى خوشال،
ئۇلارنى قىينايدۇ غەلىتە بىر دەرت.
بىرەرمۇ مەرت يوق كۆزىڭگە قاراپ،
يۈرىگىڭ تېگىگە تىغ ئۇرغۇچى مەرت!
بار مېنىڭ ئەيىبىم،
ياۋنى تونۇغان،
دىدىمكى: ھەقنىمۇ سۆزلە«بۇرۇتلار»
شايبانىي لەشكىردەك بېشىنى بۇراپ
ماڭا ئېتىلدى بىر توپ قۇرۇتلار.
ئۇلار ئابرۇي ئىزلەر
مەنپەئەت ئىزلەر،
ئىغۋالار توقۇيدۇ تىلىشىپ بەرىكەت.
شائىرنى تۆھمەتتە يوقۇتۇش ئۈچۈن،
ئاغزىنى يېپىشقا قىلىشىپ ھەرىكەت.
نەچچە رەت ئۆزۈمگە
-غەزىپىڭدىن كەچ،
پەسكەشلەر ئەرزىمەس، دىدىم ئويلاشقا.
ئەسلىدە خۇدادىن ھەققىم يوق ئىدى،
بىر قېتىم مۇناسىپ دۈشمەن سوراشقا!
ئاخىرى كىم ئۆزۈم
مەڭگۈلۈك كەلكۈن،
ئەگەر پەرەز قىلساق شاۋكەت راھمان كىم؟
قايسىڭلار بىلىسلەر ئېيتىڭلار قېنى؟
ماكان جىم
زامان جىم، پەرۋايدىگار جىم.

لەھزە

غازانغا ئايلاندى كۈنلىرىم،
ماتەمدە تۇرغاندەك باقارمەن.
پەسىللەر ئۇچراشقان لەھزىدە،
غازانغا ئوتلارنى ياقارمەن.

كۆزلىرىم ئېچىشار ئاچچىقتىن،
يۈرىكىم، قوللىرىم تىرەيدۇ.
كۆيمەستىن ھېچ مېنىڭ كۈنلىرىم،
تۈتەيدۇ، ئاھ شۇنچە تۈتەيدۇ…

كاتتا كۈن

بۇ قانداق كۈن ئۆزى
قانداق كۈن ئۆزى،
ھەتتاكى مۈشۈكلەر، ئىتلار يىغلىدى.
ساختا قەھرىمانلار كېتىشتى توزۇپ،
يالغان داھىلارنىڭ ئاغزى قىيسايدى.
ئەلنىڭ بېشىمەن دەپ يۈرگەن داھىنىڭ
بېشنىڭ يوقلىقى خوپ بولدى ئايان.
پاكىزە كۆرۈنگەن نى-نى قوللاردىن،
ئۇچۇۋاتقان نۇرلاردا يالقۇنلىدى قان.
بۇ قانداق كۈن ئۆزى
قانداق كۈن ئۆزى،
جايىغا قويىدۇ ھەممە نەرسنى.
قاي بىر مۇناپىق كۆزىنى ئوينىتىپ،
يۈزىگە نىچۈن جىق تارتار پەردىنى.
شۇنچىلىك قىلىشتى شۇنچىلىك غەيۋەت،
ئىشرەتتە كۈنلىرى ئۆتكەن ئويسىزلەر.
قوي بۇ مىجەز بۇ ئەلنىڭ تىلى يوق دەيتى،
ئاغزىڭنى ئاچ خەلقىم كۆرۈپ قويسۇنلەر.
پىللاردىن بۇ كۈننىڭ كۈيىنى ئىشىتكەن،
ساختىپەز، ھىلىگەرگە پاناھ تېپىلماس.
نەرقى ئۆرلەيدۇ ساچقان تۆشكىنىڭ،
ھەيرەتتىن ئېغىزلار ئەمدى يېپىلماس.
ئەي دىلىم
دۇنيادىن يۈرمىگىن رەنجىپ،
كېلىچەك كۈنلەرگە ئىشەنمەك خوپتۇر.
بىركاتتا كۈنلەرنى كۆردىڭ ھازىرچە،
بۇ ئەلنىڭ شاد–خورام كۈنلىرى كۆپتۇر.

خىيانەتلەردىن

جەڭدە ئۆلگەن ئەمەس بىرەر باھادىر،
ھەممىسى ھالاك بولغان خىيانەتلەردىن.
تاشتەك ئۇخلىماقتا تۆشىنى ئېچىپ،
ئۇلار زەھەر قوشۇلغان زىياپەتلەردىن.
ھېچبىربىر رىۋايەتتە بۇ باھادىرلارنى،
ھەتتاكى يۈز باشلىق ئەجدەر يىمىگەن.
مىڭ بىر چىشى بار يالماۋۇزلارمۇ،
تاغلارنى ئويناتقان دىۋە يەڭمىگەن.
بەرى ھالاك بولغان خىيانەتلەردىن،
بەرىگە ئارقىدىن ئۇرۇلغان پىچاق.
شۇنداق بولۇپ كەلگەن ئەزەلدىن-ئەبەت،
مانا شۇ جاپاكەش بۇ قەدىم تۇپراق.
ھەر باھادىرلار يىقىلار ئىكەن،
كۆكسىگە سانجىلغان نامەرت تىغىدىن.
قايتىدىن تۆرەلسە بولاتتى ئايان،
تۇغۇلغان ھەر بىر بالىنىڭ كۆزىدىن.
تىڭلىغىن ھېچقاچان
سېنى ئالدىماس،
ئاق كۆڭۈل خەلقنىڭ ئەپسانىلىرىنى.
باھادىر ئۆلمەيدۇ ئەسلىدە جەڭدە،
قورقۇنىچ ئۆلتۈرەر باھادىرلارنى.

 

04

(Tashriflar: umumiy 37, bugungi 1)

Izoh qoldiring