Faxriddin Nizom she’rlari uyg’ur tilida

044
Ўзбек ва уйғур ижодкорлари ўртасида пайдо бўлган мустаҳкам ижодий ҳамкорлик ўз натижаларини бермоқда. Биз муқаддам Тилак Жўра, Шавкат Раҳмон, Усмон Азим, Мирзо Кенжабек, Муҳаммад Юсуф, Иқбол Мирзо, Беҳзод Фазлиддин ва камина шеърларининг уйғур тилига қилинган таржималари билан таништирган эдик. Бугун сизга истеъдодли уйғур шоири ва мутаржими Ёлқин Азизий таржимасида таниқли шоир Фахриёр (Фахриддин Низом)нинг шеърларини тақдим этмоқдамиз.

09
فەخرىيار شېئىرلىرىدىن
كۆز ياش سايىسى
088

1

ئېقىپ بولغان كۆز ياشلىرىڭنىڭ-
سايىسى مۇئەللەق.ئۈنمەيدۇ.
يىغىلىغىن، ئۇرپەريات، تىنچ تۇرما،
سايە تۆكۈلمەيدۇ.
ئۇ تۈنلەرگە كىرىپ كېتىدۇ
مۇئەللەق كوچا،قەدەممۇ -قەدەم.
كۆتىرىلىپ كەتمەس ئارىدىن،
كۆتىرىلىپ كەتسە ھەم ئادەم.
نۇرسىز سايە -كۆز ياش سايىسى،
ئارمان يەڭلىغ ئۇ ھەم ئۆچمەيدۇ،
سايىلەرنى تۈنگە يايىسەن.
سايە يۇلتۇز بولۇپ جىمرلار،
لېكىن يۇلتۇز كەبى ئۇچمايدۇ،
يېراق مۇھەببەتتىن شىۋىرلار.

2005. 23 -ئاپرېل

2

ياش سايىسى باغرىمنى كەستى،
ئاغرىقلىرىم سەنسىز، مۇتتەسىل*.
شامالدەك قەيەرلەردە ئەستى،
كۆز ياشنىڭ سايىسى بۇ پەسىل-
مۇھەببەتنىڭ يارىلىرىغا
پىشانەمنىڭ تەرلىرى بولۇپ؟
مەن سايىگە تىكىلدىم نىچۈن،
كۆڭلۈم غەمكىن، يۈرىگىم ئاغرىپ؟
خىياللىرىم ھەرەقسەن -پەرەقسەن،
سايە زورىيار، ئۆسمەكتە.
ساناققا چۈشمەس، ساناققا چۈشەر سان-
ئارىمىزغا بىر، ئىككى، ئۈچ كۈن…
يىراقلىشار، سېنى كۈتىدۇ،
ھىجرانغا قەدەر ئۇزارغان بىر تۈن…

2005 -يىل 26 ئاپرېل

3

پېتىۋاتقان كۈندەك قىزىرار
كۆزياشنىڭ تامغان سايىسى.
نۇر ئورنىغا ھىجرانلار تارار،
رەڭ ئورنىغا- ھەسرەت ئوقۇلار.
ئىشق تولدۇرغان ھۇجەيرىلەرگە
سايە تولۇپ قالار بىرمۇ -بىر…
ۋاقىت يىمىرەر ھەيرانلىقلىرىمنى
سىر-سىر، بىرمۇ -بىر، سىر -سىر.
كۆز ياش كېتەر، سايە كەتمەيدۇ،
سايە — ئۈمىدلەرنىڭ ئەرۋاھى.
ئەرۋاھلارنىڭ كۈنى تۈگىمەيدۇ.
كۆزياش قاي ئۈمىدكە تالىقتۇر؟
يوق نىمەرسە سايىسى مۇھىم،
نى بالانى كەلتۈرەر؟ئۇ نىمىدۇر؟

2005 -يىل 26 -ئاپرېل

4

سەيلەنا باشلىنار مۇھەببەت،
خاتىرىگە تۇيغۇلار كۆچەر.
ئېھتىراسلار كۈلى بىلەن خەت
پۈتەر كاتىپ ماڭلايغا. ئۆچەر-
دىلدىن ئۈمىد، بىلمىدىم قايان؟
كۆڭۈل ئەينىكىگە داغ چۈشەر
ئېھتىراسلار كۈلىدىن ۋەياكى
كۆز ياش ياش سايىسىدىن. بۇ چۈشلەر-
چېكىلگەن تاردەك تىترەر-
مەشۇقسىزلىقنىڭ خازانلىق يولى
كەلگۈسىدىن كېلىدۇ. مىترا*-
نۇرھالقىلىرى زۇلمەتنى قامار
سەنسىز كۈنلىرىمگە سال نەزەر،
مەشۇقسىزلىقلار چىمەن ۋە چىمەن.

2005 -يىل 30 -ئاپرېل

كۆز ياشلىرىم ماڭا ۋەتەن بولدى…
مىرزا ئابدۇقادىر بېدىل

2

بۇ كۆڭۈلگە ئازارلار كەلدى،
كۆزياش كەبى ئازار ھەم ۋەتەن.
ۋاقىت -ئىسپاتلار، ۋاقىت دەلىلەر،
مۇھەببىتىم -ئەڭ بۇيۇك خاتا.

خاتايىمغا — ئىگىلدىم -گۇناھ،
گۇناھىمنى سۆيدىم مەن شۇنداق.
چېچەك ئەمەس، تارالدى ئاھ،
كۆڭۈل دەشتىلرىمگە تۈتۈندەك.

كۆڭلىم ئازارىڭنى چېكەر،
ئۈن سايىن، تۈن سايىن، كۈن سايىن،
ياپراقلىرى خازان بولدى.

ئازارىڭدىن كۆزۈم ياشلىنار،
تۈن ھەم شور پىشانىلىقتىن،
كۆز ياش سايىسىدىن باشلىنار…

2005 -يىل 30 -ئاپرېل

4

چۈشلىرىڭنى بىركۈنى قەلەندەر
يۈز ئاچقۇغا چۈمبەل قىلىپ،
كۆڭلى يىرتىق، ئىشقى تالانغان
مەن شائىرلىققا قانداق بىر ئىقلىم-

تەرەپلەردىن كەلتۈرگەن ئىدى:
بوي يەتمىگەن چۈشلەر، سېۋەرىم.
كۆڭلۈم مېنىڭ يىرتىلغان ئىدى،
چۈشۈڭنى بۆلدۈمۇ ئاۋازى؟

ئېيت، نىچۈن قىلاي ئىبادەت،
زار ئۈچۈنمۇ، ھىجران ئۈچۈنمۇ؟
ھەر بىر سوئال بوغىزىمغا پاتار…

سەن ئايىغان كۆڭۈل ئازارلىق،
سەن ئايىغان يۈرەك ئېچىندى،
بۇ نە قىسمەت پۈتۈلگەن يارلىق؟

2005 -يىل 5-ماي

 03

(Tashriflar: umumiy 247, bugungi 1)

Izoh qoldiring