Farida Afro’z she’rlari uyg’ur tilida (Yolqin Aziziy tarjimasi)

077      Мана салкам уч йилдирки, «Хуршид Даврон кутубхонаси» сайти воситасида ўзбек ва уйғур ижодкорлари ўртасида пайдо бўлган мустаҳкам ижодий ҳамкорлик ўз натижаларини бермоқда. Биз муқаддам Тилак Жўра, Шавкат Раҳмон, Усмон Азим, Хуршид Даврон, Мирзо Кенжабек, Муҳаммад Юсуф, Фахриёр, Иқбол Мирзо, Беҳзод Фазлиддин ва яна бир қатор шоирларимиз шеърларининг уйғур тилига қилинган таржималари билан таништирган эдик. Бу таржималар ўзбек адабиётининг фидойи тарғиботчиси бўлмиш Ёлқин Азизий томонидан амалга оширилаётганини алоҳида таъкидлаймиз. Бугун Ёлқинбекнинг навбатдаги таржимасида шоира Фарида Афрўзнинг шеърларини сизга мамнуният билан тақдим этмоқдамиз.

فەرىدە ئەفرۇز شېئىرلىرىدىن
ئۆزبېكىچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يالقۇن ئەزىزى
045

066 ئۆزبېك خەلقنىڭ ئاتاقلىق شائىرەسى فەرىدە ئەفرۇز 1956-يىلى 5-مارت ئۆزبېكىستاننىڭ قوقەند شەھرىدە تۇغۇلغان. 1971-يىلى مۇقىمى نامىدىكى دۆلەتلىك پىداگوگىكا ئېنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. 1986-يىلدىن بۇيان «قىرىق كوكلىگىم»، «ئىزتىراپ كوڭلىكى»، « تۇنلەر ئىسيانى» قاتارلىق يەتتە شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە« قۇربانجان دادخاھ» ناملىق تارىخى دىرامىسىمۇ بار. شائىر يۇقارقى بىر قاتار ئىجادىي ئەمگەكلىرى ئۈچۈن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 1999-يىلى«شۆھرەت»مېدالى بىلەن تارتۇقلانغان.

045

غەزەللەر

1

باشىڭنى تاشقا ئۇر، مىڭ رەت، ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر،
تۈنۈ-كۈن يىغلىغىن، ئەبگار، ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر.

كۆزۈڭنى تىكمىگىن، ئەي دوست، كۆڭۈل گۆردۇر، كۆڭۈلدۇر گۆر،
نە تۈۋى بار، نە نۇرى بار، ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر.

ياقاسى غۇنچەنىڭ چاك-چاك، لېۋىدىن قان ئاقار تىم-تىم،
چىمەندۇر مىڭ ئەگەر گۈلزار، ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر.

دىلىڭنى ۋەيرانەلەر ئەتمە، دىلى مەيخانىلەر ئىچرە،
دىلىڭنى چال، قىلىپ دۇتار، ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر.

ساتار دوستۇڭ، ئالار ئەغيار، فەرىد ئەفرۇز پىغان چەكمە،
بۇ دۇنيا كونا بىر بازار، ئۆزۈڭدىن ئۆزگە يار يوقتۇر.

2003.9.6

2

مېنىڭ ساچىم قارا ئىدى، قارالارغا باغلاندى،
ئادالارغا، سازالارغا، جازالارغا باغلاندى.

يەتتە ئاسمان، يەتتە ئىقلىم، يەتتە قات زېمىن ئارا،
مالائىكىلەر، پەرىشتىلەر، سابالارغا باغلاندى.

تىلىمنىڭ بالىمۇ ياكى يۈزۈمنىڭ خالىمۇ ياخۇت،
بۇ ئىككى خال ئىلە باشىم بالالارغا باغلاندى.

ھەممە ئىستەر بۇ ئالەمدە، پەقەت بىر يار، پەقەت بىر يار،
ھەممە « يارمەن !» دېدى، ئەمما، خاتالارغا باغلاندى.

ساڭا جانىنى قىلىپ قۇربان، فەرىد ئەفرۇز قىلۇر پەرياد،
تېنى خاكۇ، بۇ ئەھلى دۇنيا ماتالارغا باغلاندى.

2000.4.13

3

ئانا يەر-تۇپراق قىلىپ، ئاسمان بىلەن ئاۋارىمىز،
جان بېرىپ، جانىنى ئالار، جانان بىلەن ئاۋارىمىز.

كۆزلىرىڭگە تەلمۈرەر، سەرسان ۋىسال، سەرسان ئىشىق،
ياش تۆكۈپ، يىرتىپ ياقا، ھىجران بىلەن ئاۋارىمىز.

چۆرىمىزدە ھۆر مەلەكلەر، بىرى جانان، بىرى سېڭىل،
ئىنساپ قېلىپ، ئىنسان قېلىپ، شەيتان بىلەن ئاۋارىمىز.

ئاتىمىز مىزبان ئىدى، ئاھ ! ئانىمىز مىزبان ئىرۇر،
ھەر ئىككىسىن زار ئېتىپ، مېھمان بىلەن ئاۋارىمىز.

ھەر نەپەس يېنىڭدا دىلداش، مۈشكىلاتتا ھەمدىمىڭ،
ياخشىلار بۇندا قىلىپ، يامان بىلەن ئاۋارىمىز.

چىن ھەقىقەت يولى باشقا، چىن ۋاپالىق ئۆزگىدۇر،
ھەق قىلىپ، ئىمان قىلىپ، يالغان بىلەن ئاۋارىمىز.

كۆڭلى ئوكيان بەندىلەرنىڭ، جىلغىسىدىن سۇ ئىچىپ،
سىر قىلىپ، شۈكران قىلىپ، توغان بىلەن ئاۋارىمىز.

بىزنى ھەق ھۆر ئەيلىدى، نۇر ئەيلىدى ئازات قىلىپ،
ھەر تەرەپكە قۇلۇپ سېلىپ، قورغان بىلەن ئاۋارىمىز.

ھەركىشىكى كۆزى ئاچتۇر، كور قىلار توزانى گەنج،
يول كۆرسىتەر سەربان قىلىپ، كارۋان بىلەن ئاۋارىمىز.

كىمكى بىزگە ئىنتىزاردۇر، فەرىد ئەفرۇز چىن سۆزۈم :
جان نىسار چىن دوست ئۈچۈن، قۇربان بىلەن ئاۋارىمىز.

1999.5.23

4

سەنسىز ئۆتكەن ئۆمرۈم مېنىڭ، ئالۋۇنلارغا ئوخشايدۇ،
قىرىق يىللىق قەسرىم ئەي، ۋاھ، خارابلارغا ئوخشايدۇ.

سېنىڭ ئېسىڭ مەيخانەدۇر، كۈنلەر ئۆتەر مەستانە،
ھىجرانىڭدا ئىچكەن زەقۇم، شارابلارغا ئوخشايدۇ.

ساڭا يارىڭ، گۈللەر چاچار كېچە-كۈندۈز ئارام بەخىش،
ماڭا بولسا مەھرىمى جان، ئازابلارغا ئوخشايدۇ.

تاڭلار ئاتار، كۈنلەر پاتار، خازان بىلمەس باھارىڭدا،
سەن يوللىغان ئەبرى نەيسان، گۇلابلارغا ئوخشايدۇ.

سەۋر قايدا، جەبر قايدا، جۇنۇن جانۇ جاھانىمدۇر،
تومۇرىمدا قان ئەمەس ئاققان، زەردابلارغا ئوخشايدۇ.

بۇ سەۋدالار بەرىدۇر بىكار، ئاسمان يېقىن يەرمۇ يۇمشاق،
ئىشىقتىن بارچىسى يالغان، خۇبابلارغا ئوخشايدۇ.

كى ھەسرەتتە كۆيۈپ ئۆتتى، نەچچە ھاپىز، نەچچە مۇترىب،
فەرىد ئەفرۇز دىلدىكى دەردى، كىتاب-كىتابقا ئوخشايدۇ.

2001.10.16

5

زېدە قىلدى ئازارىڭىز، ئازارى يوقلار قايدىسىز ؟
چىقتى بەك بازارىڭىز، بازارى يوقلار قايدىسىز ؟

ئاپىرىپ سەھراغا بىزنى، سەرسان ئېتىپ چۆللەر ئارا،
ھەر چىمەندىن گۈل ئۈزەر، گۈلزارى يوقلار قايدىسىز ؟

ھەر كېچە تۆۋە قىلىپ، مىسلى غېرىپ بىچارىدەك،
خۇمار قىلار تاڭدا قاتتىق، خۇمارى يوقلار قايدىسىز ؟

تۈنۈ-كۈن مەسىتۇ-ئەلەس، سەرخۇش بېقىپ دۇنياغا ئاھ،
نەپسى ئەممار جۇش ئۇرار، ئەممارى يوقلار قايدىسىز ؟

ۋاھ كۆڭۈل، ۋاھ-ۋاھ كۆڭۈل، ئەي فەرىد بۇ نە جاپا،
دىل ئەگەر دار بولسا بۇتاپ، دىلدارى يوقلار قايدىسىز ؟

2000.4.2

6

سىزگە بولسۇن شانۇ-شەۋكەت، مۇپتىلالىق بىز ئۈچۈن،
سىزگە باغلار سەيرۇ-ساياھەت، كەربالالىق بىز ئۈچۈن.

سىزگە تۇغ، كەيىپى-ساپا، دەۋران بىلەن ئاۋارىلىق،
بىزگە ئىشىق رەنجۇ-رىيازەت، خەرجۇ ئادالىق بىز ئۈچۈن.

سىزگە جان، جانان كېرەك، لەۋلىرىدىن بال تۆكۈپ،
ھەر قەدەمدە مىڭ خىيانەت، سەۋرۇ-ۋاپالىق بىز ئۈچۈن.

سىزگە سۆز، كۆڭۈل يېتەلمەس، ياكى كەتمەس ئۇندىن ئۈزۈپ،
بىزگە ھەر لەھزە ئامانەت، جانۇ پىدالىق بىز ئۈچۈن.

سىزگە زارلار زار يىغلىشار، كويىڭىزدا خار بولۇپ،
قايدا دەپ، ئىنساپ، دىيانەت ئاھۇ نىدالىق بىز ئۈچۈن.

سىزگە جامى زاھىر ئىلە، شۇم رەقىبلەر دىلبەر بولۇر،
بىزگە ھەق يارە ئىبادەت، كەدخۇدالىق① بىز ئۈچۈن.

سىزگە يالغانلار ئىچىدە تاجۇ سۇلتانلىق مۇرات،
نە بەخت ئېرۇر، ئەي فەرىد، ئىشىققا گادالىق بىز ئۈچۈن.

2003.12.27

7

كەل، دېدىڭ، ئىشىق تىلەپ، بوستانىڭدا ئاداشتىم،
ياز، دېدىڭ، كۆڭۈل غەمىنى داستانىڭدا ئاداشتىم.

ئۇچ، دېدىڭ، قېقىپ قانات، كۆكتە مالائىكلار بىلەن،
ئاھ ! دېدىم، ئاۋارە بولدۇم، ئاسمانىڭدا ئاداشتىم.

بەس ! دېدىڭ، ھىجران تېشىنى دەرياغا ئات، دۇنياغا ئات،
ۋاھ ! دېدىم، چۆكتۈم تامام، ئوكيانىڭدا ئاداشتىم.

قال، دېدىڭ، كۆلبەم ئارا، كۆڭلۈم يارا، بەختىم قارا،
ياھۇ②، دېدىم، قايتماس ئۆمۈر، كارۋانىڭدا ئاداشتىم.

شۇڭا دېدىڭ، ئەي فەرىد، دۇنيا ئۆزى چەرخى پەلەك،
ياق، دېدىم، ياق، ياق دېدىم، يالغانىڭدا ئاداشتىم.

2004.4.29

8

تامچىسىنى قىزغانمايدۇ، ئوكيانى بارلار،
تىنىقىنى ساناپ يۈرمەس، ئاسمانى بارلار.

كۈز كەلمەستىن خازان بولار يانتاق چۆللۈكتە،
تۆتلا پەسلى گۈللەپ تۇرار باغۋەنى بارلار.

كارۋاننى دەپ، ياۋ بولغانلار، ئولجىغا يۈگرەر،
بالالاردىن ئامان چىقار سەربانى بارلار.

بىر تال داننى ئۆزى يىمەس، يىدۈرمەس خەسىس،
ساچقانغىمۇ ئازار بەرمەس خامانى بارلار.

قايدا مەنسەپ، قايدا شۆھرەت بولسا قاچىدۇ،
يۈرىكىدە شەيتان ئەمەس، رەھمانى بارلار.

ھىلە-نەيرەڭ، پىتنە-پاسات باش كۆتەرگەن چاغ،
زەنجىرگە بەند، زىندانغا بەند چۇقانى بارلار.

دوسىتنى ساتماق، ياردىن تانماق، پەسكەشنىڭ كەسپى،
ھەر ئىنساننى ھېكمەت بىلەر ئىمانى بارلار.

قوي، كۈيلىمە، فەرىد ئەفرۇز يېڭى تاڭ ئاتتى،
سېنى كۈتەر مېھىر دېگەن، قورغانى بارلار.

2009.6.19
ـــــــــــــــ
ئىزاھ :
كەدخۇدا①يۇرت ئاقساقىلى، يۇرت مۆتىۋەرى
ياھۇ② ئەي، خۇدا، ئاھ، خۇدا

شېئىرلار شائىرەنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى «شەرق» نەشرىيات مەتبە ئاكسىيەدارلىق شىركىتى باش تەھرىرلىكىدە 2013-يىلى تاشكەنتتە نەشرقىلغان «ئاشۇ كۈن بۈگۈندۇر» ناملىق ئۆزبېكچە تاللانما شېئىرلار توپلىمىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

«ئىزگۈ» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا

034

(Tashriflar: umumiy 774, bugungi 1)

Izoh qoldiring