Muhammad Yusuf she’rlari uyg’ur tilida (Yalqun Azizi tarjimasi).

099
Веб-саҳифамиз билан уйғур ижодкорлари ўртасида пайдо бўлган мустаҳкам ижодий ҳамкорлик ўз натижаларини бермоқда. Биз муқаддам Шавкат Раҳмон ва Хуршид Даврон шеърларининг уйғур тилига қилинган таржималари билан таништирган эдик. Айни кунларда истеъдодли уйғур таржимони Ёлқун Азизий бир қатор ўзбек ижодкорлари (Усмон Азим,Шавкат Раҳмон,Муҳаммад Юсуф,Мирзо Кенжабек, Иқбол Мирзо,Беҳзод Фазлиддин) шеърларини таржима қилиб,эълон қилди. Биз бу таржималар билан сизни бирин-кетин таништириб борамиз. Бугунги навбат Ёлқун Азизийнинг машҳур шоир Муҳаммад Юсуф шеъриятидан қилган дастлабки таржималарга.
Замонавий ўзбек шеъриятининг тинчимас тарғиботчиси бўлмиш уйғур таржимони Ёлқун Азизийга чексиз миннатдорчилигимни билдираман.

Хуршид Даврон

022

مۇھەممەد يۈسۈپ شېئىرلىردىن تاللانما
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يورۇق

088

مۇھەممەد يۈسۈپ،1950-يىلى26-ئاپرىل ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان ۋىلايتىدە تۇغۇلغان، ئۆزبېكىستان تاشكەنىت ئونىۋېرسىتىنىڭ رۇس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى پۈتتۈرگەن.1978-يىلدىن ئېتىۋارەن« تونۇش تېرەكلەر»« بۇلبۇلغا بىر گېپىم بار»« ئىلتىجا»« ئۇيقۇدىكى قىز»« ھەلىمە ئانام ئەلەيلىرى»« ئىشىق كېمەسى»« كۆڭلىمدە بىر يار»« بىۋاپا كۆپ ئىكەن»« يالغانچى يار»« ئەركە كىيىك»« ئاسمىنىمغا ئېلىپ كېتىمەن»« ئۇلۇغۇمسەن ۋەتىنىم» قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان، بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ناخشا قىلىپ ئوقۇلغان،2001-يىلى 31-ئىيۇل ۋاپات بولغان.
بۇ شېئىرلارنىڭ تەرجىمىسىنى زاھىر بۆرھانغا بېغىشلايمەن.

013

چىرايلىقتىن چىرايلىق بىر قىز چېچىم سىلار،
مېنىڭ بولسا كۆزلىرىمدىن ياش تامچىلار .
سۆيۈمەن دەپ ئالدار مېنى ئالدامچىلار،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يېگۈزىمەن
.
يۈرىكىمنى كۆيدۈرىدۇ يالغانلىرى،
يانلىرىمنى چارلاپ مەخپى تاپانلىرى .
بولسام ئىدىم ئەڭ ئاخىرقى قۇربانلىرى،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يېگۈزىمەن.
.
ئەي سەن دۇنيا بۇ قىزلىرىڭ مۇنچە گۈزەل،
قاراپ باقسام كۆكتىكى ئاي كۈنچە گۈزەل،
قانچە گۈزەل بولسا شۇنچە ئالدار گۈزەل،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يېگۈزىمەن.
.
مانا ئەمدى كۆز يۇمىمەن يەردە يېتىپ،
يۈرىكىمنى سۇغىرىمەن قان يىغلىتىپ،
يولۋاسلاردەك يەڭلار ئۇنى كاسىلدىتىپ،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يېگۈزىمەن

كىمنى سۆيسەم سۆيگىنىمدىن كۆيەر تىلىم،
كۆز ئالدىمدا بۇلاقلىسۇن تىلىم -تىلىم .
ھارام بولسۇن مۇھەببەتسىز كۆرگەن كۈنۈم،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يېگۈزىمەن.

سۆي مېنى
مېنىڭ غەملىرىم بۇلۇتلاردەك كۆپ،
ئارقامدىن سايىدەك يۈرىشەر توپ-توپ.
سالامەت ئىكەنمەن، بۇ بىر غەنىيمەت،
سۆي مېنى سۆيگۈنۈم، بىر قېتىملا سۆي.

يىغلايمەن قارا كۆز مەندىن تانماقتا،
كۆكسىڭنى ياق بىر رەت،كۆكسىم يانماقتا.
چايقىلىپ تۇرماقتا روھىم قاماقتا،
سۆي مېنى سۆيگۈنۈم،بىر قېتىملا سۆي.

تۈن دېگەن ئەسلىدە تىلسىمدۇر تىلسىم،
چۈشلىرى يالقۇنمۇ بۇنى كىم بىلسۇن ؟
سەھەردە مەن بارمۇ يوقمۇ كىم بىلسۇن؟
سۆي مېنى سۆيگۈنۈم،بىر قېتىملا سۆي
.
جان شۇنداق ئۈزۈلسە، ئاسانغۇ ئۆلمەك،
سۆيۈپلا سېتەمدىن ئۆلتۇر ئەي مەلەك!
قاشلىرىڭ تاغ بولسۇن، چېچىڭ سىيرىتماق،
سۆي مېنى سۆيگۈنۈم، بىر قېتىملا سۆي.

بىز ئاجىز بەندە بىز ئەجەلدۇر قازى،
ئاشىق دەپ سەن مېنى بوغمىغىن زادى.
بۆسەڭدىن بوغۇلۇپ ئۆلسەم مەن رازى،
سۆي مېنى سۆيگۈنۈم،بىر قېتىملا سۆي.

سۆيگۇ ساداسى
گۈلۈم، مېھىر كۆزدە دېگەن سۆز يالغان،
مېنىڭ دىلىمدىكى ئۆچمەس چىراقسىز .
قانچە كۆرۈشمىسەك شۇنچە قەدىردان،
قانچە يىراق بولساق شۇنچە يېقىنسىز .

دېۋانە ئاشىقمەن، مەن بىر دېۋانە،
ئېيتىڭ سىزدىن باشقا كىمىم بار يەنە ؟
سىز يوق چاغلاردا دۇنيا بىگانە،
سىز يوق بېغىمدا گۈللەر بىگانە.

سىز ئاچچىق قىسمىتىم، سىز ئىزتىرابىم،
سىز شىرىن دەردىمسىز، شىرىن ئازابىم .
سىز مېنىڭ كۆكلەردىن تاپقان ئاپتىپىم،
تۇپراقتا يوقاتقان كۆز مۇنچىقىمسىز .

يادىمدا كەچتىكى شوخلۇقلىرىڭىز،
كۆكسۈمنى كۆيدۈرگەن كىرپىكلىرىڭىز.
سىز گويا ئارزۇسى ئايدەك ئاپپاق قىز،
سىز گويا كۈلگۈنچەك قوڭغۇراقىمسىز .

سىز گويا كۆزۈمنىڭ ئۈستىدە ماڭغان،
سىز گويا كۆڭلۈمگە كۆڭلىنى قۇرغان.
تىلىمنىڭ ئۇچىدىن ئاقاي دەپ تۇرغان،
شېئىرىمسىز،بىر ئۆمۈر پۈتمەس ئاھىمسىز .

سېنى ھېچكىم سۆيمەس مېنىڭدەك،
سېنى ھېچكىم سۆيمەس مېنىڭدەك،
ئاشىقلار ۋەسلىڭگە زاردۇر ئېھتىمال .
ئالدىڭغا تىز چۆكۈپ يىغلار ئېھتىمال،
لېكىن چىن سادىق بولالماس مەندەك.

ئالدانما يار، ئالدامچىلار مىكىرگە،
مەلەك بولما بىۋاپانىڭ شەھرىگە،
ئۇلار سېنى باسسا بولدى باغىرىغا،
سېنى ھېچكىم سۆيەلمەس مەندەك

ئالدىڭدىن ئۆتكەندە بولدۇم خىجالەت،
يىراقتىن كۆرسەملا سېنى كۇپايەت،
ماڭا بىر بېقىشىڭ ئۆزى ئىنايەت،
سېنى ھېچكىممۇ سۆيەلمەس مەندەك.

جېنىڭغا جان بولالماي، سېنى سۆيۈمەن،
يېنىڭغا كېلەلمەي، سېنى سۆيۈمەن،
ئىسمىڭنى بىلەلمەي، سېنى سۆيۈمەن،
سېنى ھېچكىممۇ سۆيەلمەس مەندەك.

سەن كۆكتە ئۇچقان نازۇك ھۆر-پەرى،
گويا كۆل ئىچىدە تىنغان سۇ پەرى،
مۇھەممەدنىڭ كۆڭلىدىكى دىلبىرى،
سېنى ھېچكىممۇ سۆيەلمەس مەنددەك .

قورقۇنىچ
قورقىمەن، ئەتىلا ئۆلۈپ كەتسەم مەن،
گەر ياتسام قۇملارغا پېتىپ كۆزلىرىم .
كۆڭلىمنى تىنمسىز باسار غەم-ھەسرەت،
يىغلاشنى بىلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم .

ئەڭ يېقىن دوستلىرىم غەيۋەتلەر قىلار،
ئەڭ زەئىپ دۈشمىنىم ئۈستۈمدىن كۈلەر.
ئۇلارغۇ نىمە قىلسا ئۆزلىرى بىلەر،
يىغلاشنى بۈلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم .

شائىر ئۆلسە،كىم كۆيۈنەر دەيسىز ؟
مەھدىيۋاز ھازىرلا سوراق قىلار كۆپ .
ئۇلار بەئەينى تىرناقتىكى مۇز ،
بارمىقىڭ تەگسىلا تۆكۈلەر توپ-توپ .

تىلىمدىن قالسام قېتىپ ياشلىرىم،
كۆڭلۇمدە نىمە قىلار ئاھۇ-زارلىم .
تۇپراققا ئىگىلگەن كۈنى باشلىرىم،
يىغلاشنى بىلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم .

ئۇلار ياش،ئۆلۈمدىن قورقىمەن ھامان،
چۈنكى دەردىگە قۇلاق سالمىدىم .
قەبرەمنىڭ بېشىدا يىغلىسۇن دىگەچ،
قىزلارنىڭ يېشىنى ئاسراپ ئۆلمىدىم !

مۇھەببەت
مۇھەببەت ئەي گۈزەل ئىزتىراپ،
ئەي كونا دەرد، ئەي كونا تۇيغۇ .
كۆكرىكىمگە قولۇڭنى تىرەپ،
يۈرىكىمنى تۆكۈپ قويدۇڭغۇ .

قانچە كۆزلەر ماڭا زار ئىدى،
نە ئەندىشىم، نە غەم بار ئىدى،
قۇشتەك يەڭگىل روھىم بار ئىدى،
چاك-چېكىدىن سۆكۈپ قويدۇڭغۇ ؟

نە قىلاتتىڭ ماڭا تېگىپ سەن،
يېڭلمىگەن ئىدىم، يېڭىپسەن
باشلىرىمنى يەرگە ئىگىپسەن ،
قامىتىمنى پۈكۈپ قويدۇڭغۇ ؟

سەن مەن ئۈچۈن بىر خىيال ئىدىڭ،
ياخشىنى تاپ، ياخشى قال ئىدىڭ،
جان كېرەكمۇ مانا ئال دىدىڭ،
مېنى بەكمۇ قىيناپ تويدۇڭغۇ ؟

زادى نىمە ئىدى مەقسىدىڭ ؟
ماڭا بىر جۈپ گۈلنى ئاسرىدىڭ .
بىرنى بولسا كۈمۈش ئاتىدىڭ،
بىرنى بولسا كۈمۈش قويدۇڭغۇ ؟

مۇھەببەت ئەي گۈزەل ئىزتىراپ،
كوچا كەزدىم سەرسان تەمتىرەپ .
يۈزلىرىمگە يۈزۈڭنى يېقىپ،
كۆزلىرىمنى باغلاپ قويدۇڭغۇ ؟

مېنىڭ دەردىم
تۈزەلمىدى مېنىڭ دەردىم
ئۆلسەم كېرەك .
تۇپراق بىلەن ئاغا-ئىنە
بولسام كېرەك .
ئۆلۈم نېمە ؟ ئۇنىڭ بىلەن ،
سەيىر ئانا .
ئوغلۇڭ كەتتى قارا يەرگە
خەيىر ئانا .
تۈزەلمەيدۇ دەردىم مېنىڭ
ئۈمىدىم يوق .
خىرەلەشكەن كۆزلىرىمدە
ئۆچمەكتە چوغ .
چوغ نىمىدۇر،چوغمۇ ئاخىر
كۈل بولىدۇ .
ئىنسان ئاخىر ئۆز مەيلىگە
قۇل بولىدۇ .
يۈرىكىمنى تۈگەشتۈردىم
يىغلاۋىرىپ.
ھۇزۇرۇمدا ئەجەل تۇرار
قېشىنى كىرىپ .
مەن ھاياتتا ئۆلۈمگە تىك،
بېقىپ ئۆستۈم .
قېنى ماڭا ئاتالغان جاي،
كېتەي دوستۇم .

تىلەك
ھەركىمنىڭ چاچلىرىغا ئاق چۈشسۇن،
ئەجەل توشۇپ يۈزلىرىگە داغ چۈشسۇن .
ھەركىمنىڭ بېلىدىن قۇۋۋەتلەر كېتىپ،
قولىغا ھاسا ۋە بىر تاياق چۈشسۇن .

ئىمانى ساپ، يۈزگە كىرىپ يورۇق يۈز،
تويلار كۆرۈپ يەلكىسىدىن تاغ چۈشسۇن .
كېتىپ قالسا ئەگەر دۇنيادىن،
ئۆز بالىسى قولىدىن تۇپراق چۈشسۇن !

ئۆلسەملا ئۇنۇتساڭ
ئۆلسەملا ئۇنۇتساڭ مەندەك يىگىتنى
ياغار يوللىرىڭغا ئەپسۇس ئەندىشىم .
ئاق تۇلپاردەك مىنگەنچە ئاپئاق بۇلۇتنى،
ئۆيۈڭنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدۇ روھىم .
ئۇنىڭغا نىمە دەيسەن بىۋاپا يارىم ؟

ئۆلسەملا ئۇنۇتساڭ مەندەك يىگىتنى،
قارا تۇپراق سىلىسا مېنى بوتلىقىم .
سەن ئوچاق ئالدىدا ياققان گۇگۇتنىڭ ،
ئۇچىدا لاۋۇلداپ كۆيسە يۈرىگىم .
شۇچاغدا نېمە دەيسەن بىۋاپا يارىم ؟

جېنىمنىڭ رىشتىسى قولىدا ئۇنىڭ،
سەن ئىلاھ ئەمەسسەن بولدى ئويلىما.
ئەمما مۇھەممەدسىز ئۆتمەيدۇ كۈنىڭ،
كەلگىنە مەن ئۆلمەي سەنمۇ قىينالما.
شۇچاغدا نېمە دەيسەن بىۋاپا يارىم؟

سۆيگۈ بۇ …
سۆيۈش ئۇ،
كەچۈرمەك دېگەن سۆز ئەسلى،
تاكى بۇ دۇنيادا قۇياش بار،گۈل بار.
يالپۇزلار گۈللىگەن شۇ باھار پەسلى،
سەن ماڭا سادىق بولغىن گۈزەل يار .

غەيۋەتلەر تىڭشىدىم ئايلاندى بېشىم،
نەم تۇپراق كۆيدۈردى تاپانلىرىمنى .
ۋە مانا بۇ ئۆيدە كۆڭلىمنى يۇلۇپ،
كۆمدىم بىئار دوستتەك گۇمانلىرىمنى .

خىياللار سۈردۈم،كېچىلەر تەنھا،
گاھىدا لىق ياشقا تولغاندا كۆزۈم .
ۋە سېنى سۆيۈشتىن ئالدىن بىر كۈنى،
دىلىمدىن سۆيۈپ قالدىم ئۆزۈمنى-ئۆزۈم .

سۆيۈش بۇ-ئۆزۈڭنى ئاڭلىماق ئەسلى،
تاكى زېمىندا قۇياش بار،گۈل بار .
رەيھانغا كۆمۈلگەن شۇ باھار پەسلى،
سەن سادىق بولىسەن ماڭا ئەي دىلدار .

سۆيگىنىم، مەن سېنى سۆيۈمەن تامام،
غەمكىنلىك ئىچىدە قارا كۆزۈڭنى .
سۆيىمەن، كۈندە بىر كۆرمەك بەخىتتۇر،
سۆيىمەن قولۇڭنى، سەپكۈن يۈزۈڭنى .

(Tashriflar: umumiy 143, bugungi 1)

Izoh qoldiring