Xurshid Davron she’rlari uyg’ur tilida (3). Masud Iso tarjimasi

uygur

ATAQLI  UZBEK SHAIRI  XURSHID DAVRONNING UYGHUR  TILIDAKI TARJIMA SHERLARI  

خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن

ئاتاقلىق ئۆزبېك شائىرى خۇرشىد دەۋران 1952-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ قەدىمىي شەھىرى سەمەرقەندتە تۇغۇلغان.1977-يىلى تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1979-يىلى ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنغان. ھازىر ئۆزبېكىستان تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى 2-يۈرۈش ‹‹ياشلار›› قانىلىنىڭ باش دېرىكتۇرى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
خۇرشىد دەۋراننىڭ ھازىرغىچە «قەدىردان قۇياش»، «تۈندىكى باغلار»، «شەھەردىكى ئالما دەرىخى»، «ئۇچۇپ بارىمەن قۇشلار بىلەن»، «تۇمارىسنىڭ كۆزلىرى»، «بالىلىقنىڭ ئاۋازى»، «قەقىنۇس»، «باھاردىن بىر كۈن بۇرۇن»، «تەنھا قۇشنىڭ پەرۋازى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى، «قىرىق ئاشىق دەپتىرى»، «دېڭىز ياپراقلىرى»، «ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ياش شائىرلىرى»، «ساكۇرا گۈللىرى تۆكۈلەر» قاتارلىق تەرجىمە شېئىرلار توپلاملىرى ۋە «ساھىبقىراننىڭ نەۋرىسى»، «شېھىدلار شاھى»، «سەمەرقەنت گۈللىرى»، «يەتتە دەرۋىش كىتابى» قاتارلىق تارىخ، پەلسەپىگە ئائىت ئوچىرك، ماقالىلەر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. «تېمۇرنامە» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى سۈرەتكە ئېلىپ تارقىتىلغان، «بابۇر»، «ئالغۇل» ناملىق درامىلىرى ئۆزبېكىستان ۋە چەتئەل سەھنىلىرىدە ئوينالغان. بىر قىسىم شېئىر توپلاملىرى ئەزەربەيجان، پولشا، بۇلغارىيە، روسىيە، تۈركىيە، فرانسىيە، ئىسپانىيە، ئامىرىكا، ئەنگلىيە، ياپونىيە، مېكسىكا، تاجىكىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردە نەشر قىلىنغان. خۇرشىد دەۋران كۆپ قېتىم خەلقئارالىق شېئىرىيەت فېستىۋاللىرىغا ھەمدە ئامىرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا يازغۇچىلىرى قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان. 1999-يىلى ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى ئۇنۋانى بىلەن تارتۇقلانغان. 2000-يىلى ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ دېپۇتاتلىقى (پارلامېنت ئەزالىقى) غا سايلانغان

خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن
مەسئۇد ئىسا تەرجمىسى
Masud Iso tarjimisi

1) سوغدىيانا

سوغدىيانا
سوغدىيانا،
سوغدىيانا،
ئانا.
ئاتلارنىڭ كىشنىشى ياڭرار،
ئوق سانجىلار،ئىڭرايدۇ يارا.
باسقۇنچىلار سوغد يۇرتىنى
خاراپ قىلار.
ئاھ، زۇلقەرنەين!
قىلىچلارنىڭ قۇلىقى پاڭ،
كۆزى كودۇر نەيزىلەرنىڭ.
ئانا!
ئت بوغۇلار، بۇغىزىدا قىلىچ،
جەڭچى چارچىدىڭمۇ؟
ئات بوغىزىدىن ئىچ.
جەڭگە كىر،
ياۋنى يەڭ.
ياۋنى يەڭ،سپىتامىن،
ئېتىم كىشنەپ يۈگۈرەر
بار:
ئى…ئى…ئى…ئى…ئى…ئى
ئويغۇنۇپ كېتىمەن توساتتىن.

1970

2) سەنئەت

خانە سوغۇق.تاختا ئۇزىرە
قۇپ ـ قۇرۇق شىشە.ئۇندا ئاي ئەكسى.
ۋە بۇرجەكتە تۇرۇپتۇ مۇزلاپ
ئاق بوزدىكى غەمكىن قىز رەسىمى.
دېرېزىدە مۇز چېچەك،
رەسسام يىغلار، كۆزلىرى خىرە.
ئۇنى قىينار يىراق خاتىرە ـ
مۇيقەلەمدە ياشىغان تىترەك.
ئەزەلدىن ئەبەت شۇنداق ھەمىشە
خانە سوغۇق قېتىپ قالغۇدەك،
قاتقان نان ،بۇشىغان شىشە
ۋە دۇنياغا كەلگەن مەڭگۈلۈك.

1974

3) ۋىدا

مەن سەندىن كەتمەك ئىستەيمەن،
يامغۇردەك ئەمەس،ـ
يامغۇر يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
شامالدەك ئەمەس، ـ
شامال يەنە قايتىپ كېلىدۇ.
مەن سەندىن كەتمەك ئىستەيمەن
مۇھەببەت كەبى…

1975

4) تويغا بارمىغان يىگىت

بىلمەيمەن، بۇقاچان سادىر بولدى،
بىراق بولارىغا كەلتۇرمەن ئىمان.
ئاشۇ چاغدا دىلغا غەم تولۇپ كېلىدۇ
ۋە بىردىنلا غۇلايدۇ ئۈستۈڭگە ئاسمان.
ئويغۇنۇپ كېتىسەن…ئاخىر نىمە بۇ؟
نەدەقەدەر دەھشەت ـ يادىڭدا بېگانە ئەركەك.
ئۆزۈڭگە كېلىسەن…چۈش ئەمەس ئوڭۇڭ بۇ،
ئېزىلىپ يىغلايسەن: نە قىلماق كېرەك؟
شۇچاغدا كۆزلىرىم يادىڭغا چۈشۈپ،
تىرىلەر مەن ساڭا شىۋىرلىغان سۆز.
سەن ئۇنى ئويلايسەن تېز ـ تېز چۆچۈپ ـ ئەندىكىپ.
ئېرىڭگە قادىلار قورقۇنچقا تولغان كۆز.
بىلمەيمەن، بۇ قاچان سادىر بولدى،
ئەمما،بيوق شۇبھە،ئەمما ،بېگۇمان.
شۇپەيت كوچىدىن تىۋىش كېلىدۇ،
كۆزۈمنى تىكىمەن دېرېزە سايان.
ئىشىك ئېچىلىدۇ،تۇرىمەن بېھال،
شۇلغۇ دەپ يۈرۈگۈم تىتىرەر ھاياجاندىن.
ۋە لېكىن، مەن ئېرى بولغان يات ئايال
ماڭا نان كۆتۈرۈپ قايتىدۇ ئىشتىن.

1976

5)ئەپسۇن

گاھ كېچە، گاچ كۈندۈزئەتمە مۇنتەزىر،
لېۋىمدەئىستىگىن كىرىپىكلىرىڭنى.
مېنى سۆيگىن.
دېمىقىمنى گۈللەرنىڭ كۈيىگە تولدۇر،
قۇشلارغا ئۇۋا قىل مېنىڭ بۇغۇزۇمىنى،
مېنى سۆيگىن.
قوللۇرۇڭ چىرماشسۇن مىسلىسىز سېھىر،
ئەركىلەپ ـ ئەركىلەپ ئۆلتۈرگىن مېنى،
مېنى سۆيگىن.
ساكىن چۈشلىرىڭگە سەن مېنى يۇشۇر،
ھېچ كىمگە ھېچ قاچان بەرمىگىن مېنى،
مېنى سۆيگىن.

1977

6) بالىلىقتائېيتار ئىدىم

بالىلىقتائېيتار ئىدىم ئانامغا دائىم:
‹‹ئۇلغايسام، مەن تاشلاپ كەتمەيمەن سىزنى،
چېچەكلىتىمەن ئارمىنىڭىزنى.››
چاغ يەتتى،ئۇلغايدىم ـ چاچلىرى ئاقارغان ئانام
كۆزلىرى تۆت بولۇپ كۈتەر مېنى ـ
ئارمىنىنى ئوغۇرلاپ كەتكەن ئوغلىنى.

1978

7) دەرەخ ۋە ئايال

دەرەخ ھىجران مىسالى ئۇزۇن
شاخلىرىنى تۇتار شامالغا
ۋەئېگىلەر كۆزلىرى مەھزۇن،
زەنگەر لىباس كىيگەن ئايالغا.
ئۇ ئايالنى قۇچماقچى بولار،
ئۈپكىسى كېلەر ئايالنى.
ۋە ھاياجاندىن رەشككە تولار،
شاخلىرى بىلەن ھايداپ شامالنى.
‹‹ئۇ مېنىڭكى››، ـ شىۋىرلار دەرخ،
‹‹ئۇ مېنىڭكى››، ـ شىۋىرلار دەرەخ.
ئايال كېتەر ،ئارمان بولار بەخت،
ۋە دەرەخكە ئايلىنار دەرەخ.

1979

8)كوچىغا چىقىدۇ خىيلچان ئەركەك

كوچىغا چىقىدۇ خىيلچان ئەركەك
ئاسمانغا باقىدۇ. ئاسماندا ـ قۇشلار.
ۋە يەرگە ئىگىلەر ـ ئالتۇن رەڭلىك بەرگ
ئۇنىڭ قوللىرىدا شىۋىرلاشقا باشلار
خىيالچان ئەركەكنىڭ كۆكسىدە قايغۇ
ياپراقتەك شىۋىرلار، ياپراقتەك سارغايغان.
ئۇنىڭغا ئارام بەرمەس تۈنلىرى ئۇيقۇ،
ئۇنىڭغا ئارام بەرمەس كۈندۈزى زەپەر.
خىيالچان ئەركەكنىڭ كۆزىدىن ئۆتەر ـ
تاش، تۈن. يامغۇر.ساكى بىرتىتىرەك.
چىغىر يول چەتلىرىدە ئۆسكەن گۈل ـ چۆپلەر
يەرگە باغرىن بېسىپ چايقالغان قۇش ـ باغ.
ئەركەك خىيالىدا بىر ئايال ياشار ـ
ئۇ گۈلگە سۇ قۇيار،شىۋىرلار چۆچەك
ۋەچېچىدىن تۈنلەر قۇيۇلۇپ چۈشەر،
چۈشلىرىگە كىرەر خىيالچان ئەركەك.

1979

9) ئافراسىياپ سۆزى

سەرەتاندا كەلسەڭ چېڭىمنى يۈتىسەن،
چاڭلارغا ئايلانغان ئادەملەر خاكىنى ـ
يۈرۈگى،قوللىرى، كۆزلىرىنى يۈتىسەن.

كۈزدە كەلسەڭ،يامغۇرى سېنى يۇيۇدۇ،
يامغۇرغا ئايلانغان ئادەملەرنىڭ دەردى.
كۆز ياشلىرى، ئارمىنى،غېمى يۇيۇدۇ.

قىشتاكەلسەڭ، سوغۇقلىرى قىينايدۇ سېنى،
سوغۇقغا ئايلانغان ئادەملەر غەزىپى،
نەپرىتى،قىساسى،نۇمۇسى قىينايدۇ.

باھاردا كەلسەڭ، مايسىلىرىم ئالقىشلار،
مايسىغا ئايلانغان بوۋېلارنىڭ ئۆمۈرى ـ
مەڭگۈلۈك، جاسارەت سېنى ئالقىشلار.

كەل، بۇتام، قوزام، كۆكسۈمدە سىلكىنگەن
مايسىزارئۈستىگە، ئاخىر سەن مېنىڭ
ساراتىنىم،كۈزۈم،قىشىم،باھارىمسەن.

1980

10)كۆز ياشلىرىڭ كۆزۈڭنى توسۇپ

كۆز ياشلىرىڭ كۆزۈڭنى توسۇپ
سەن كۈتىسەن ئويچان فارامۇش@.
قۇللۇرىڭنى كۆكسىڭگە قويۇپ،
دېرېزىدىن قارايسەن خامۇش.
شىرە ئۈزىرە تاۋلىنار چۆچۈپ
رەنگىن@ گۈللەر ـ ئەركەك تۆھپىسى.
گۈلداندىن سۇ ئوتلىماققا
توپلانغاندەك قۇشلار تۈدەسى.@
ئەركەك قايتماس.
كۈنلەر تىنچ ئۆتەر،
گۈل ياپرىغى كەتمەكتە چۈشۈپ.
شىرە ئۈزىرە لىغىلداپ ياتار
رەنگىن قۇشلار تۆككەن كۆز ياش.

1979

11)قايتىش

ر.پ گە

بالىلىققا قايتماق بولدى ئۇ،
چالماق بولدى سىۋىزغىنى شاد.
بىراق قەلبى ئىزلىدى پەقەت،
خاتىرىدىن ئۆچكەن سادانى.

بالىلىققا قايتماق بولدى ئۇ،
پۈتمەك بولدى ئلك شېئىرىنى
تەكرارلىدى يۈرۈگى بىراق
تۇنجى شىرىن سەتىرلەرنى .

بالىلىققا قايتماق بولدى ئۇ،
يىدلاي دەپ ئاتا ـ ئانامنى.
بىراق قەلبى چەرخ ئۇردى بوزلاپ
پەرزەىدلىرىن قەبرى ئۈستىدە.
قارا تۈنلەر غەم چەكتى يۈرەك
تىڭلاي دەپ‹ ئەللەي›نى تەكرار ـ
ۋە كۆردى ئۇ بالىلىقىنى:
چېچى ئاپپاق ئىدى بالىنىڭ.

1982

12) مەن ھېچقاچان بىلمەس ئىدىم

مەن ھېچقاچان بىلمەس ئىدىم
مايسىلار سۆزلىشىنى:
سېغىنىپ قالسامېنى
ئىزىمدىن ئىزلىشىنى،
ئەگەر شامدا ئۆيۈمگە
پىيادە قايتمىغاندا:
يول چېت باسقان ئوتلار
بىرەر سۆز ئېيتمىغاندا:
شۇ سۆزنى ئاڭلىدىمۇ
خىرە تاراتتى كۆزدە نۇر
ۋەقىشلىقىم دالاسىنى
ئېنىق قىلدىم تەسەۋۋۇر.
كۆردۈم ،تۈيدۇم تىتىرەكنى:
مېنى ئىزلەپ ئىزىمدىن،
مايسىلار كۈمۇش ئۆيگە
بارىدىغان چىغىر يولنى.

1982

13)خىياللىرىم تىنىق ۋە ئايدىڭ

خىياللىرىم تىنىق ۋە ئايدىڭ
خۇددى سېنىڭ كۆزلىرىڭ كەبى.
ئەي قىز،سېنى سېغىنىماي قويدۇم،
ئەي قىز،سېنى ئەسلىمەس قەلبىم،
تار خانىدە ئولتۇرىمەن جىم،
ئاستا ـ سېكىن@ بولۇمەن سەرمەست.
ھازىر يالغۇز سەنسەن قۇۋانچىم،
سەمەرقەنتدىن كەلگەن مۇسەللەس.
يۇمارمەن مۇڭلۇق كۆزۈمنى
سۆيەر مېنى قارايغان دېۋار@.
بار ۋۇجۇدۇم بىلەن مەن سېنى
سەزمەكتىمەن، يېغىۋاتقان قار.

1980

14) ئۇنتۇيمەن

ئۇنتۇيمەن بىركۈن بارچىسىنى،
ئۇلار بەرى قالىدۇ سىزگە؛
زەپىان باغ، ئاسمان پارچىسى
شامال،دەريا، مايسا، سىۋىزغا.
ئالمىزارلاردائىچىدە ۋال – ۋال
يەر بىلەن بىر بولۇپ ياتقان ئاق
ئانا قۇياش تامچىلىرى
گۇللەر دىلىدا قوزغاتقان تىتىرەك،
ۋە ئەسىرلەر سۈكۈتىن يىراقتىن
ئېلىپ كەلگەن ھارغىن دالالار.
يىمىرلىپ ،چېرىككە ئەمەس،
قۇشلارغا ئىن بولغان قەلئەلەر،.
كۆز كەينىدە قالارھەممىسى،
بىراق ،مېنى ھازىر ئۆرتەيدۇ ـ
ئېيتىلمىغان قوشاقلار دەردى.

1982

15) ئانا تىلىم

كېلىپ كەتتى نەچچە دۇنيالار،
كۈلدى ھايات ، يىغلىدى ئۆلۈم.
سەن ئۈچۈن قۇربان بولدى بوۋېلار،
ئۇلار كەتتى ،سەن قالدىڭ ، تىلىم .
بېلەنچەگىڭ@ ئۈزرە قەشقەرى
كۈيلەپ ئۆتتى قەدىم ناۋانى.
ۋە نەۋقىران ياپراقلىرىڭغا
دىل قېنىنى تۆكتى ناۋايى.
سەمەرقەنددىن بابۇر كېتەركەن
دىلغا قاچىلاپ ھەسرەت نىداسىنى.
ئېلىپ كەتتى ئانا يۇرتىدىن،
ئۆزبېك تىلى بىرلا سېنى.
مەشرەپ ئەمەس، سەن ئېسىلدىڭ دارغا،
نادىر ئەمەس،سەنسەن سۆيۇلغان،
ھازىقنىڭ ئەمەس، سېنىڭ،ئەي،تىلىم،
بېشىڭ كېسىلگەن، كۆزۈڭ ئويۇلغان.
ئامما دۈشمەن ئۆلتۈرگەن باتۇر،
تىرىلگەندەك يەنە قىساسقا،
مەڭگۈ بەرسەن ، مەڭگۈ قادىر
تولدۇرماققا يەرنى ئاۋازغا.
ۋەتەن ئۈچۈن بەخش ېتىپ جاننى،
كېچىپ يالقۇن، كىرىپ دەرياغا،
پەرزەنتلەرنىڭ تۆككەن ھەر قاننى
شۇمۇردۇڭ سەن ئوخشاپ گىياھقا.
ئانا تىلىم، ئامان بول مەڭگۈ،
سەن بارسەنكى،مەن ھەم ئۆلمەيمەن،
تىلدىن قالسام، سېنى ئايبېكتەك
مەن كۆزلىرىم بىلەن سۆزلەيمەن.

1982

16) شېرىيەت

دولقۇن ئوينار، ھۇۋلار فۇرتانا،
سېنى كېمە تۇرۇپتۇ كۈتۈپ.
قايتماسلىغىڭنى بىلسەڭ -دە؛‹‹ئانا،
مەن قايتىمەن!›› -دەپ پۈتكىن مەكتۈپ.
كۆتۈرلەر قاناتتەك يەلكەن،
ئېلىپ كېتەر كېمىنى دولقۇن.
قايتالماسلىغىڭنى بىلسەڭ – دە؛‹‹ئەركەم ،
مېنى كۈتكىن!›› — دەپ شىۋىرلىغىن.
بوران ھۇۋلار، ئۈزۈلەر لەڭگەر،
كېمە قايتماس،كېتەر بېنىشان.
بۇ دۇنيادا سەندىن سۆز قالار؛
‹‹مەن قايتىمەن، سۆزۈمگە ئىشەن!››

1981

17)قار كەتتى

قار كەتتى ۋە زىمىندا
كۆز ياردى ئىلك گىيا.
قاراڭغۇ ،سىياھ تۈندە
شام ياندى گويا.
بەرگىنى يېرىپ تەلپۈندى
ئۇ قۇياش سېرى،
ئېسىلدى يىلتىزىگە
غايەت زور يەر شارى.

1982

18)ئاتام خاتىرىسىگە

دېرېزەمنىڭ ئاستىدا تاڭدا
سايرىغان قۇش سەنمۇ ،ئاتا؟
يا تۇنۈمگە كۆكلەم ، مازاردا
يېپىشقان گۈل سەنمۇ، ئاتا؟
ئون يىل بولدى دۇنيادا يوق سەن،
يۈرۈگۈمدە قالغان پىراقسەن.
كۆرمىگەنسەن مېنىڭ ئوغلۇمنى،
ئەركە تايىم، شوخۇم،توخلېمنى.
مەن ھەم يېشىم ئۆتكەن سايىن
بېشىمغا ئاق چۈشكەن سايىن
بەزەن قۇمساپ سېنى ئىچ – ئىچىمدىن
يۈرەك تىتىرەپ ئاخىرقى ئاچچىقتىن،
ئاتام دەپ ،ئالقاپ ئوغلۇمنى،
كۆتۈرىمەن ئۆزۈم كۆڭلۈمنى.

1982

19)ئېسىمدە يوق

ئېسىمدە يوق نەچچە يېشىمدا
ئولتۇرغىنىچە مېنىڭ بېشىمدا
‹‹كۇنتۇغمىش››نى ئوقار ئىدى ئاتام
ۋە ئاۋازى تىتىرەپ كەتكەن دەم
قورقار ئىدىم ئۇڭا قاراشقا،
بىلەر ئىدىم ،كۆزلىرى ياش ھەم
تولار ئىدى- تۇيۇپ ئالەمنى
ئايار ئىدىم بىراق ئاتامنى.
بۈگۈن مېنىڭ كۆزلىرىمدە ياش
ۋە بوغۇزۇمغا تىقىلغاندا تاش
تىترەر كىتاپ ۋاراقلىغان قولۇم،
سەن ھەم مېنى ئايغىن ئوغلۇم.
1982

20)گۈللەر ئېچىلدى، ئەمما مەن ئۇلارنى ئەسلا كۆرەلمەيمەن

گۈللەردىن مەست بولدى ئاپئاق بۇتخانە،
ئىشىكتىن كوچىغا تەلپۈندى ئىسا،
ئۇنىڭ تېنىدىن تامچىپ تۇرغان قان،
مانا شۇ گۈللەردەك چىرايلىق ئىدى.

ئادەملەر بىرمۇ -بىر تەڭگە تاشلىشار،
بالىلار كۆزىدە ئويغاندى شەپقەت.
چاقەلەردە* قالغان قوللار تەپتىدىن،
ئېرەر شىلەپىگە قونغان قار.

مەقسەتكەكەلسەك:
يىللار ئۆتۈپ كەتتى ئوق مىسالى ئۇچقۇر،
كور تىلەمچى ئۆلدى.
ئۆلدىسەھەردە،
بۇ رەسسام سىزغان ئالدىدا
بۈگۈن باشقا گادا تىلەر سەدىقە.
1978 –يىل

21)قانداق تىنىق ۋەماۋىي ئاسمان

قانداق تىنىق ۋە ماۋىي ئاسمان،
قۇدۇق كەبى چوڭقۇردۇر ئاسمان،
شاھىزىندان ئۈستىدە ،قارا!

قەبرە تاشلار ئارا ئاداشماي،
كەتكەن سوقماق بويلاپ بارىمەن-
قانداق تىنىق ۋە ماۋىي ئاسمان!

ئافراسىياپ تاماندىن ،ئانا،
كېلەر پىچان باسقان ھارۋا-
يالتىرايدۇ ئورغاقلار بىردىن.
ئاھ، يۈرىگىم گۈپۈلدىمە بۇنچە،
پىچان ئۈزىرە يانپاشلاپ ئالغان
بالا ،ئاخىر سەن ئەمەسمسەن-غۇ!

كاشكى، قايتسام شۇ ھارۋىدا،
ئافراسىياپ ئېدىرلىرىدىن،
قايتسام ھارغىن ھارۋا بىلەن.

قانداق تىنىق ۋە ماۋىي ئاسمان!
قۇدۇق كەبى چوڭقۇردۇر ئاسمان
شاھىزىندان ئۈستىدە ئانا!
1981 –يىل

22)ساتقىن ھەققىدە باللادا

بۇكېچە بوۋامنى كۆردۈم چۈشۈمدە-
خۇددى ئوق يېگەندەك بۈركۈت قانىتىدىن.
ئۇكۆكرىگى قان، ھۇشىنى يوقاتقان،
ئاستەنەم ئالدىدا غۇلىدى ئاتتىن.

مايسىلارنى سىلكىپ، شىلدىرلاپ بىردىن
يۈگىرىپ ئۆتتى يەل -بېزاۋتا،سېرگەك.
كۆتىرىلدى ئېگىك چېچەكلەر يەردىن،
بۆشۈگىدە يىغلاپ ئويغاندى بوۋاق.

ئىزىدىن ئۇچقۇنلار چاچرايتتى ئوتتا
جاراڭلاپ يۈتەرئىدى تۇياقلار سەسى.
يۈرەكتە غۇلغۇلا ۋە سۈكۈناتتا
كېزەر ئىدى خەتەرنىڭ سوغۇق شەپىسى.

ئۇنى ھاپاچلاپ مەن، يەلكەمدە تۇيدۇم،
ئېقىۋاتقان قاننىڭ ئىسسق تەپتىنى.
ئاينىڭ يۇرىغىدا يانتاقتەك كۆيدۈم،
ماڭلىيىمغا باسغاچ سوغۇق كەھتىمنى.

ئۇنى ھاپاچلىدىم،گويا ئاشۇ دەم،
يەلكەمگە ئالغان ئىدىم ئۇچقان يۇلتۇزنى.
…كېيىن دەرۋازىنى يېپىۋاتقاندا،
كۆردۈم قوشنا ئۆيدىن باققان شۇم كۆزنى.

بوغۇلۇپ ئويغاندىم قورقنۇچلۇق ئۆيدىن
يۈگۈرۈپ ھويلىغا چىقتىم مەن تىلسىز.
دەرۋازىنى ئاچتىم ۋە قوشنى ئۆيدىن
قادىلىپ تۇراتتى ھامان شۇ كۆز.
1981-يىل

23)ئەپسۇن

شوخ كېچە، شوخ كۈندۇز ،ئەتمە مۇنتەزىر،
لېۋىمدە ئىستىگىن كىرىپىكلىرىڭنى.
مېنى سۆيگىن.

بۇغىزىمغا گۈللەرنىڭ كۈيىگە تولدىر،
قۇشلارغا ئۇۋا قىل مېنىڭ بۇغىزىمنى،
مېنى سۆيگىن.

قوللىرىڭ چىرماشسۇن ئاجايىپ سېھىر،
ئەركىلەپ -ئەركىلەپ ئۆلتۈرگىن مېنى،
مېنى سۆيگىن.

ساكىن چۈشلىرىڭگە سەن مېنى يوشۇر،
ھېچ كىمگە ھېچقاچان بەرمىگىن مېنى،
مېنى سۆيگىن.
1977 يىل

24)ۋەتەن

دىلىڭىزدا بولسۇ قۇۋانچى ،غەمى،
كىتاپلاردا ئەمەس،قاغەزدە ئەمەس.
مۇزدا ياشامسىز،بۇخارادىمۇ،
سىز بىلە باراۋەر ئۇلاسۇ نەپەس.

بالىڭىزنى بۆلەپ قويۇڭ چۈش پەيتى،
تاللار سەگەچۈكنى ئۇچۇرسۇن كۆككە.
ئەمما سىز بېشىدا ئەللەيلەر ئېيتىڭ،
ۋەتەن تۇيغۇسىنى سېلىڭ يۈرەككە.

ئېيتىڭ، پاختىزاردا ئېگىلگەن لەھزە،
ئېيتىڭ، قۇياش قانغا پېتىپ ياتقاندا.
ئېيتىڭ، زىلزىلىلەر سالغاندا لەھزە،
ئېيتىڭ ، ئاق كۆڭلەكلىك تاڭلار ئاتقاندا.

جىنازىدا يىغلاپ قوشاقلار ئېيتىڭ،
ئېيتىڭ،ئىنقىلابىي كۈرەشلەر ئارا.
تاكى قەلبىزدە جۇش ئۇرغان تۇيغۇ،
پەرزەندلەر قەلبىدە بەرسۇن ئەكس سادا.

بىبىخانىمنىڭ يەرگە چۈشكەن تەقىيى،
تۈدە چاقماق چېقىپ غۇلىغان تېرەك.
بوۋىلارنىڭ يەرگە كۆمۇلگەن خاكى،
كۆكسىمىزدە تىرىك ياشىشى كېرەك.

ۋەتەن- بۇ دىلدىكى قۇۋانچ، قايغۇ، چۆچۈش،
ئۇنى تىرىك ساقلار يۈرەكتىكى ئاۋاز.
ۋەتەن- بۇ يىگانە قۇياشقا ئوخشاش،
ۋەتەن ھەم ئادەمدەك ئالىدۇ نەپەس.

25) پويىزدىكى ۋەقە ياكى بالىلىقنىڭ ئاۋازى

-توختا ،توختىساڭچۇ،
نېچۈن مېنى تاشلاپ كېتىسەن،..
.
قەيەرلەرگە كېتىۋاتىسەن، بالام- بالىلىغىم.
مەن، ئاخىر ،سېنى بەكمۇ … بەكمۇ سۆيۈمەن،
بىلىسەنغۇ، مېنى پەقەت سەن چۈشىنىسەن…

— نېمە ،قىلاي،
ئۆزۈڭ مېنى تاشلاپ كېتىۋاتىسەن.
ئارقاڭدىن يۈگۈرسەم، يېتەلمەيمەن ئەمدى.
چۈنكى سەن قارىماي گىياھقا، ئايغا،
ئالدىڭغا كۆز تاشلاپ چېپىپ كېتىۋاتسەن.

-يۇق،
بىلەلمەيسەندە، سېنى قانداق، سۆيۈشىمنى،
ئىشەن، تېگىشمەيمەن سېنى ھېچ كىمگە.
شاھىدلىققا چاقىرمايمەن ئاينى، قۇياشنى،
ۋە ئۇلارنىڭ كۆز ئوڭىدا پىچاق بىرلە يېرىپ
يوشۇرۇپ قويايمۇ سېنى يۈرىگىمگە…

ئېسىڭدىمۇ، يەتتىدە ئىدىم، ئاشۇ چاغدا
كۈچۈك بېقىپ بەرگەن دادام.
ئوينارئىدىم ئۇنىڭ بىلەن ھەتتا چۈشۈمدە،
سىرتلان دەپ ئاتىغان مەن كۈچۈكنى.
كېيىن…ئۇنى ئۆلتۈردى قوشنىمىز تۈندە،
(ھامان ئېسىمدىدۇر مەشئۇم قارا تۈن.)

ئەتىسى قوشنامنىڭ دېرىزىلىرىن
ئايماي سۇندۇردىم…
ھېچ ئايىمىدىم،
مەن قىساس ئالغانىدىم كۈچكۈك ئۈچۈن.

مانا بۈگۈن ئەر بولدۇم…
بىراق، نېچۈن
يېراق -يېراقلارغا ئېلىپ كەتسە ۋاقىت،
ماڭا شاخلىرىنى سىلكىتىپ قالار
مېنى سېغىنىپ كۈتكۈچى
قاراتالنى كېسىپ تاشلىغان
قوشنامنىڭ قاراڭغۇ دېرىزلىرى
سۇنماستىن پارقىراپ تۇرۇپتۇ بۈگۈن؟

دېمەك ،سەن كېرەكسە ھەقىقەت ئۇچۇن،
ئەڭ تازا،بىغۇبار ئارزۇلار ئۈچۈن،
سېنى سورىمايمەن پەقەت بەخت ئۈچۈن،
سەن ماڭا كېرەكسەن گاھ نەپرەت ئۈچۈن.
تاشلاپ كەتمە،
مەن سېنى ھېچ كىمگە بەرمەيمەن.

-ياق، جۆرەجان،، بولدى ئەمدى خەيرلىشەيلى.
ياخشى قال، ئەگەشمە،
ئاخىرقى رەت؛ خەير!
— سەن قەيەرگە بارىسەن.
جېنىم بالام- بالىلىغىم،
باي چېچەگىم- ھىلال ئېيىم.
توختىساڭچۇ،
تىڭلىساڭچۇ، ئاق چۆچىگىم، تىللا كۆزلىگىم.
— گراژدان ،ۋاقىرماڭ،
باشقىلارمۇ ھەم بار ۋاگوندا.
ئۇخلاشماقتا… يول ئازابى…

ياق ، بۇ سەن ئەمەسسەن… بۇ — باشقا…
سە كېتىۋاتىسەنمېنى تاشلاپ،
ئارمىنىمنى، سېغىنىچىمنى ئىچىڭگە يۈتۈپ،
توغرا كەلگەن تامانغا يۈگرەيسەن بوينىڭنى قىسىپ،
ئۆلىۋاتقان قۇۋانچىمنى بېسىپ باغرىڭغا…

ئېسىڭدىمۇ، ئون بىر ياشتا ئىدىم، ئاشۇ زامان
تۈن بويى ئوقۇدۇم‹گرېنادا›نى
سەھەردە، سومكامغا كىتاپ ،نا سېلىپ،
ھېچ كىمگە تۇيدۇرماي، كېسىپ دالانى
تۆمۈر يول تامان ئاتلاندىم.
يول بويى شىۋىرلىدىم مەن‹گرېنادا›.

ئۈچۈنجى كۈنى تۇتىۋالدى مېنى
قىشلاقتىن يۇز چاقىرىم نېرىدا.
ماڭا بىلدۈرىشتى : ئۇرۇش تۈگىگەن،
ئىسپانىيە ئۇزاقتا…بەكمۇ يېراقتا.

مەنچۈ، ئىشەنمىدىم…
پەقەت ئىشەنمىدىم.

گرېنادابار ۋە ئىسپانيەدە
جەڭ بولار ئازادلىق، ھەقىقەت ئۈچۈن،
ئەلبەتتە ،قاتنىشىمەن مەن ئاشۇ جەڭگە…
ئېسىڭدىمۇ،ئون ئالتە ياشتا ئىدىم، ئاشۇ چاغ،
ھەمدەرت بولۇشنڭ ئويلاپ،
مېرتېمېرنىڭ كىتابىنى قولتۇغۇمغا قىسىپ
خىلۋەت ماكان ئىزدەر ئىدىم…

ۋە كېچىلەر
بۇشاپ قالغان تىرمەھنىڭ يوللىرىدىن
يالاڭغاياق ،چاڭغا كۆمۈلگەنچە مەن قايتىمەن،
كىرپىگىمنىڭ ئۇچلىرىنى سۆيگەندە ئاي
شىۋىرلايمەن ئۇيقىسىراپ ؛ ئانا -ۋەتەن.

— گراژدان، ئەسكەرتىش لازىممۇ يەنە،
ئەدەب ۋەجىمۇ، يېرىم تۈندە شاۋقۇن سالماق…

يا تاۋىڭىز يوقمۇ، كېرەكمۇ ياردەم؟
ياق، دەمسىز، ئاھ، بۇنداق بولماس ئادەم.
توختاڭ، نېچۈن چۈشۈپ قالماقچىسىز… شەھەرتېخى يېراق.
بۇ بىر كېچىك ئاددى بېكەت…
چۆلنىڭ ئوتترىسى…

توختاڭ، ئاخىر.. توۋا.. قززىق ئىكەنسىز،
بۇ تاشكەنت ئەمەس. بۇ بىر كىچىك بېكەت.
— بۇ سەن ئەمەس…
سەن قېنىسەن؟ قېنى؟
جاۋاپ بەر، تىۋىشىڭنى چىقار ھېچ بولمىغاندا…
يولنى بوشات…بىلىمسەن،
چۈشۈپ قېلىشىم كېرەك…
…………………………

-تەلۋە.
-نىمە؟
پويېزددىن چۈشۈپ كەتتى بىر ئادەم.
يىگىتلەرنىڭ دىل ئوتىدىن

26)يىگىتلەرنىڭ دىل ئوتىدىن

تىرىلىدۇ تۈندە نەي،
ئويناپ سۇئوتىدەك
ناۋا ئايغا ئورىلار.

چاچلىرى ئىلان كەبى
تاۋلىنىدۇ ئايدىڭدا
شامال ئەسسە دولقۇنلىنار،
جىلۋىنىلىپ ئالتۇندەك.
قىز چۈشندە بىنەپشىنىڭ
چاچلىرىنى ئۆرىدۇ.
ۋە تېنىگە بىەپشىنىڭ
خۇشبۇي ھىدى تارايدۇ.

ئاھ، بۇ ئەتىر يىگىتلەرنى
ئايرىيدۇ ھۇشىدىن.
ئويغىتىڭلار قىزنى تېزراق،
ئويغىتىڭلار چۈشىدىن.

1980

27) مېگىل ئېرنەندېس سۆزى

قانداق يۇماي،كىرپىكلىرىم قىلىچقا ئايلانسا،
ۋەتەن؟
قانداق يۇماي،كىرپىكلىرىم قىلىچقا ئايلانسا
قانداق ئايلانسا،
قانداق يۇماي،ئىسپانىيە ئاسمىنىدا
چارقلىسا يىرىك — يىرىك يۇلتۇزلار؟
قانداق يۇماي، دۇستلارىمنى كۆرۈپ تۇرسام،
كۆرۈپ تۇرسام ئۇلار تۇتقان قوراللارنى.
ئىسپانىيە، سېنىڭ بارچە مازارلىرىڭدا
قويۇلغان قارا -قارا تاشلارنى — قەبرتاشلارنى
قاپىغىمغا بېسىپ قويالمىساڭ،قانداق يۇماي؟!
ئانا خەلقىم سە ئاچلىقتىن، قۇللىقتىن، مۇھەببەتتىن، نەپرەتتىن، تۆككەن كۆز-
ياشلىرڭنى بىر ئۆزۈم تۆكسەم،
ئېقىپ چۈشۈپ قارچۇغۇم، يۇمۇلارمۇ كۆزلىرىم؟

قانداق يۇماي ئەيەكلەرنىڭ سۇغۇق باغرىغا
قۇياش مەكتۇپ پۇتسە مېنىڭ نامىمغا…
قانداق يۇماي كورداۋانىڭ سېرىق مۇنارىدا
كۆرۈپ تۇرسام قېتىپ قالغان سائەتنى،
قانداق يۇماي؟

ئاھ، ئاتا،تەڭگە باسماڭ قاپىغىمغا،تەڭگەباسماڭ!
ئۇ ئىپلاسدۇر ھاجەتخانە قەغىزى كەبى
خۇدا بار بولسا، قېنى ئېيتسۇن قانداق يۇماي ؟
ئاھ، ئىسپانىيە،گۆرۈمنى قېزىپ قويۇپ، كۆزلىرىمنى
يۇمۇشىمنى كۈتۈپ تۇرىسەن،كەچۈر، يۇمالمايمەن!
قانداق يۇماي قىشلاقلىرىڭنى، شەھەرلىرىڭنى،
يايلاۋلىرىڭنى، تاغلىرىڭنى پىچانزارلىرىڭنى، غارلىرىڭنى،
قۇشقاچلىرىڭنى، قويلىرىڭنى، سەراتېنىڭنى سۆيسەم، قاداق يۇماي كۆزۈمى ،قانداق؟!
بوۋايلىرىڭنىڭ، مومايلىرىنىڭ يىغلاۋاتقىنىنى،
بالىلىرىڭنىڭ كۈلىۋاتقىنىنى، گۈللەرنىڭ تەبەسسۈمىنى،قۇشلارنىڭ تۇخۇم تۇغىۋاتقىنىنى،يىگىتلەرنىڭ
قەسەم ئىچىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرسام قانداق يۇماي؟!

تويلىرىڭدا، ھازىلىرىڭدامېنىڭ جامىم ئىچىلمەستىن بىر چەتتە تۆكىلەي دەپتۇرسا، ھەر تاڭدا سېغىپ
ئالغان سۇتتە ئېدىرلار، تاتلىق قايماقلار چۈشلىرىنى كۆرۈپ تۇرسام،قانداق يۇماي كۆزلىرىمنى؟!
ئانا، قارا بىر بالا پادا ئارقىسىدىن سىۋىزغا چېلىپ بارماقتا… كۆزلىرىدە باھار ۋە ئون بەشياشلىق قىزچاق…

قانداق يۇماي ،قارا يېشىل ئوتلار ئۆسكەن سوقماق
بويلاپ ئېدىرغا چۈشۈپ بارماقتا پاقالچاقلىرى ھۆل بوپ كەتكەن… سوقماق چېتىدە ئۆسكەن مايسىلاردىن شەبنەم دۇرلار كەبى تۆكۈلمەكتە…

قانداق يۇماي كۆزلىرىمنى؟
مەن ھېچقاچان شېئىر يازمىغانمەن شام يورىغىدا، ئېلىكتېر يورىغىدا…
شېئىر يازغانمە ئاي يورىغىدا،
ئاي نۇرىنى تۆكۈپ تۇرسا قاداق يۇماي كۆزۈمنى؟!

مەن ھېچقاچان قوشاق قاتمىغان ماتەم ،ھازىدا.

بىراق بۈگۈن بىر خەلق ھازىسىدا كۈيلىگىم كېلەر،

قوشاق ئېيتقۇم كېلەر ئۆلمەس خەلق ھەققىدە.

شېئىرلىرىمنى كۆيدۈرۈڭ،ئاخىر مەن بۈگۈن

ھەقىقىي شېئىرلار يېزىشقا قۇدرىتىم يەتكەندە

قانداق يۇماي كۆزلىرىمنى،

قانداق يۇماي؟!

ئاخىر،قاراڭ زۇلمەت لەشكەرلىرى قان كەچمەكتە،

ئۆكۈز تېرىسىدىن تىكىلگەن ئۆتۈكلىرىدە چەيلەنگەن

گۈللەر ھامان جان بەرمەستىن قىلماقتا نىدا: ياشىسۇن جۇمھۇرىيەت!

ئۇلار تۇتقان مىلتىقلارنىڭ ئېغىزىغا تولار ئوق،مېنىڭ

ئېسەيۈرىگىمدە قىساس سۆزلىرى شۇنداق تولغاندۇر.

مادرېد كۆكسىدىن يارلانغان بولسا قان ئاقسا، بۇلبۇل كۈيىنى

تىڭلىغان قۇلاقلاردىن قان ئاقسا،بالىلارغا شىرىن

كۈلچە پىشۇرگەن قوللاردىن قان ئاقسا، ياشىسۇن ئىسپانىيە

دەپ ۋاقىرغان ئېغىزىدىن قان ئاقسا، قانداق يۇماي كۆزۈمنى؛

قانداق؟!

قانداق يۇماي كۆزلىرىمنى، ئاخىر بالىلار قېنىنىڭ
يۇندا يوللىرى سۇلىرىغا قوشۇلۇپ كوچا بويلاپ ئېقىۋاتقىنىنى
كۆرۈپ ئېلىشىپ قالغان گۈزەل مارىيەمنى قارا زۇلمەت
ئەسكەرلىرى زورلاۋاتقان بولسا نان دۇكىنىدا
كۆزۈمنى قانداق يۇماي؟!
يۈرىگىڭ،پۇتۇڭ، سىۋىزغا چېلىپ كېتىۋاتقان
بالىنى ياندۇرۇڭ، يېلىنىڭ، يالۋۇرۇڭ، ئاچ
ئادەم نان بەر دەپ يېلىنغان كەبى.
سىۋىزغىسىنى چېلىپ تۇرسۇن مۇردىلارنىڭ بېشىدا.
بىلمەن: مەن ئۆز- ئۆزۈمنى ئالدايمەن بىراق، ئېيتىڭ:
قانداق يۇماي كۆزلىرىمنى، ئەگەر ئۆلتۈرۈلگەن قىساسكارنىڭ
ئوقلانغان مىلتىقى ئېتىلماي بىر چەتتە ياتسا،
تەپكىسىنى بېسىشقا چەقلەقنىڭ* كۈچى ھەم يېتەر…
قانداق يۇماي كۆزۈمنى، ئەگەر مەن ئىسپانىيەنى ئازاد
كۆرمەكنى ئىستىسەم،
مەن ئۇنى كۆرىمەن:
كۆزلىرىم ئوچۇق.
1980

———————————————————————

خۇرشىد دەۋران شېئىرلىرىدىن تاللانما
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: يالقۇن ئەزىزى

Yalqun azizi tarjimisi

1)دەريا يوقتۇر، چېچىڭدىن باشقا

دەريا يوقتۇر چېچىڭدىن باشقا،
دولقۇنىدا ئاقاي دېسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
قاراي دېسەم، باقاي دېسەم.
ئىسمىڭدىن باشقا بىر سۆز يوقتۇر،
ئېيتاي دېسەم، توۋلاي دېسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
يالقۇنىدا كۆيەي دېسەم.
مېھرىڭدىن باشقا كۈندۈز يوقتۇر،
سۆزلىرىمنى تاپلاي دېسەم.
كۆزۈڭدىن باشقا يۇلتۇز يوقتۇر،
ئۆزگە يولدا كېتەي دېسەم.

2)كېرەك بولسا

كېرەك بولسا قىلىچ ئۇچىدا،
ياشا سۆيگۈم سەن مەجنۇن بولۇپ.
سېرىق رەڭلىك گۈللەر ئىچىدە ،
ئېچىل كېيىن قىزىل گۈل بولۇپ.
دىلىڭدىكى سۆزنى ئېيت پەقەت،
بەختلىك قىل سۆيگەن ئايالنى.
ئاڭا سەن زەر-تىللانى ئەمەس،
ئىنئام قىلغىن ئاينى، شامالنى.
ئۆچۈڭنى ئال، ياۋدىن، زۇلمەتتىن ،
ساتقىنلاردىن، ئەڭ ئاخىرقى مەيدان .
سان-ساناقسىز تېرەكلەر ئارا،
ئەڭ قۇۋۋەتلىك چىنارغا ئايلان.
يالغان بىلەن تولغاندا ئەتراپ،
ئىچىڭگە يۈت، تىترەك نالىنى.
چاللار جىمجىت بولۇپ قالغاندا.
ئالقىشلىغىن چىن سۆزلۈك بالىنى !

3)سېپتامىن قوشىقى

قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى،
ئۇ قىلىچىم قانغا زار ئىدى.
قىلچىمدىن ئايرىلار بولدۇم،
نە بولغايدۇر ئەھۋالىم ئەمدى .
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى،
تىغىدا ياۋ قانى خار ئىدى،
قىلىچىمدىن ئايرىلار بولدۇم،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى،
ئۇنى ماڭا بەرگەن يار ئىدى،
قىلىچىمدىن ئايرىلار بولدۇم،
نە بولغايدۇر ئەۋالىم ئەمدى .
يات قىلىچلار قانغا زار ئەمدى،
يات قىلىچتىن قانىم خار ئەمدى .
باشقىلارغا يار بولدى ئۇ قىز،
قولۇمدا بىر قىلىچ بار ئىدى .

4)سۆز قۇشتۇر

سۆز — قۇشتۇر،
ئاۋايلا ئۇنى.
ئاۋايلا كۆكسۈڭدە سەن ئۇنى ئۇچۇر.
قانىتىنى سىلاپ ئەركىلەت،
ئۆز قېنىڭدىن ئۈچۈرگىن قۇشقا .
شېئىر- ئۇچۇۋاتقان قۇشقا ئوخشايدۇ،
قۇياشقا تەلپۈنەر ئۇ ئۇچۇپ-ئۇچۇپ.
شېئىرنىڭ تۆت مىسراسىغا قەپەز بولمىغىن،
ئاسمان بولما مۇمكىن سۆز ئۈچۈن …

5)بولدى يېتەر تەلمۈرمەڭ ئايغا

بولدى يېتەر تەلمۈرمەڭ ئايغا،
ھە، بىلىمەن ئاي بەكمۇ گۈزەل،
تويۇپ بولماس بۇنداق چىرايغا .
يېتەر ئەمدى تەلمۈرمەڭ كۆككە،
گەرچە قىزغۇچ يۇلتۇزلار،
سىرداش كەبى بولسىمۇ يۈرەككە .
بولدى دېمەڭ ئۇ ھىلال پاتار ،
ئۇ كىشنىگەن ساپ- سېرىق تۇلپار،
تۇمانلاردەك يېيىلىپ ياتار .
يەرگە بېقىڭ خۇددى شۇ چاغدا،
يۇلتۇزلاردەك يۇمران مايسىلار،
باش كۆتۈرۈپ ئۈنۈپ چىقماقتا .

6)دېرىزىنىڭ پەردىسدىكى قارنى

دېرىزنىڭ پەردىسدىكى قارنى،
كۈزىتىدۇ تۆۋەندىكى گۈل.
تاشقىرىدا ياغقان چاغدا قار،
ئۆيدە كىتاب ئوقۇغىن ماقۇل .
تاشقىرىدا ياغقان چاغدا قار،
بۇ ئوي سۈرۈپ ئىڭرىماق دېمەك.
ۋە چىراغنى ئۆچۈرۈپ قويۇپ،
ئاپئاق شامنى ياندۇرماق كېرەك .
تاشقىرىدا ياغقان چاغدا قار،
كوچىدىكى چىراغدەك پارلاپ .
قانداق ياخشى مەيۈس، بەختىيار،
قىز كېلىشنى ئولتۇرساڭ پايلاپ .
قانداق ياخشى كۈزەتسەڭ تۇيۇپ،
تاشقىرىدا ياغقان ئاق قارنى .
ھېچ بولمىسا ئالدىڭغا قويۇپ ،
ئۆتكۈر شاراپ، بىر بۇردا ناننى .
بىراق نېچۈن چىدىماس يۈرەك،
كىيىنىمەن ئاستا بىمادار .
قىيىن ئىكەن ئۆيدە ئولتۇرماق،
تاشقرىدا ياغقان چاغدا قار .

7)ئادەملەر

بۇ ئادەملەر ھەسرەتكە تولۇپ،
قانداق ئويلار سۈرۈپ ماڭىدۇ ؟
تاڭنى ئېلىپ كەلمەكچى بولۇپ،
تۈن قوينىدا يۈرۈپ ماڭىدۇ ؟
بۇ ئادەملەر يۈرىكى كۆيۈپ،
قاي مەنزىلنى كۆزلەپ ماڭىدۇ ؟
ئۇلار ئاسان يوللارنى قويۇپ،
خەلقىم دەيدۇ، بوزلاپ ماڭىدۇ .
بۇ ئادەملەر كۆكسى-بوغۇزدىن،
كۆزلىرىدىن نېچۈن ئاقار قان ؟
بۇ ئادەملەر تۆككەن قانلاردىن،
تۈن قوينىدا كۆكىرىدۇ تاڭ !

8)مىرتېمىر خاتىرىسىگە
مىرتېمىر ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى

شەھەر ئۆزرە يېغىۋاتىدۇ قار،
تۇيار ئىدۇق سوغۇق تەپتىنى.
ئۇزاقلاردا كەزمەكتە باھار،
بىز يوقىتىپ قويغاندا سېنى .
بىز يىغلىدۇق، جىددىي ۋە مەھزۇن،
كۆپەيمەكتە سەزدىم دوستلارنى.
كۈي ئاقماقتا غەم كەبى ئۇزۇن،
قوزغاتقانچە دىلدىن ھېسلارنى .
دەپىنىدىن قايتتۇق مۈكچىيىپ،
ئېزەر ئىدى كۆرۈنمەس تاۋۇت.
قار سۈيىدە يۈزلەرنى يۇيۇپ ،
شىۋىرلىدۇق» يۈرەك ئەستە تۇت»
شەھەر ئۆزرە يېغىۋاتىدۇ قار،
تۇيار ئىدۇق سوغۇق تەپتىنى .
ئۇزاقلاردا كەزمەكتە باھار،
بىز يوقىتىپ قويغاندا سېنى .
شۇندا كىمدۇر، كىم ئۇ ؟ ئەستە يوق،
دېدى غەمكىن ئەگكىنىچە باش :
مېيىتىنى كۆتەرگەن چاغدا،
كۆزلىرىدە كۆردۈم تامچە ياش.
ئاھ ! دوسلىرىم يۈرەك سەزمەكتە،
ئۇ كۈزىتەر ئەمدى بىزلەرنى .
كۆزىدە ياش ئۇ يىغلار ئىدى،
قىيناپ قويدۇم دەيدۇ سىزلەرنى .

8)تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان

تەبەسسۇمىڭ يادىمدا ھامان،
يادىمدىدۇر خەندان كۆزلىرىڭ .
كۈلۈشۈڭنى ئەسلەيمەن بۇئان ،
ئۇنتۇلغاندۇر يالغان سۆزلىرىڭ .
ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىدەك قىزىل،
ئالۋۇن ئىدى تەبەسسۇمىڭ ھەم .
ئەي كۆزلىرى خەندان ئۇرغان قىز،
سەندىن ماڭا قالدى پەقەت غەم .
مەن بىلىمەن ئەڭ ئاخىرقى دەملەر،
ھالسىزلارچە ئۇزاتسام قولۇم .
سېنىڭ ، سېنىڭ تەبەسسۇمىڭ ئىچرە ،
كۆزلىرىمگە باقىدۇ ئۆلۈم.

9)جىملىق

دەردلىرىمنى ئېيتسام تۈنلىرى ،
-جىم ئولتۇرۇڭ دەيدۇ خوتۇنۇم.
ناخشا ئېيتسام ناۋالار قىلسام ،
-جىم بولۇڭ دەپ ۋارقىرار قوشنام .
جاراڭلىسا قولۇمدا كىشەن ،
-جىم بول دەيدۇ، قەھرىلىك دۈشمەن.
گۈلزار ئارا سايرىسا بۇلبۇل،
-جىم بول دەيدۇ سۇلغان ئەتىرگۇل.
ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشىلار ئېيتسا ،
-جىم ئولتۇرغىنا دەيمەن بالامغا .
جىم بولساڭچۇ دەپ ۋارقىرىماقتىمەن،
دىلىمدىكى يىغا -نالەمگە .
جىملىق مېنىڭ ئۆمرۈم-ھاياتىم،
جىملىق مېنىڭ ئاخىرقى پەريادىم .
جىملىق بىلەن چۈشكەن بەسمۇ-بەس !
پەقەت يۈرەك،
يۈرەك جىم ئەمەس…

10)شېئىرىيەت بۇ قىيىن ئىش ئەمەس

شېئىرىيەت بۇ قىيىن ئىش ئەمەس،
يازساڭ ئەگەر يۈرەكنى ئاسراپ .
بىراق شېئىرنىڭ بىر سەتىرنى دەپ ،
قان تۆكەرگەن تۈنلىرى مەشرەپ .
شېئىرىيەت بۇ قىيىن ئىش ئەمەس،
يېتەر تاپساڭ قاپىيە: ياز،ساز .
شېئىرغا بەزەن ھاۋادەك زۆرۈر،
ئەرك سۆزىگە قاپىيە : قىساس !
سەن ياشىغىن قورقۇپ قانچىلىك،
شېئىر ئۇنى قىلىدۇ ئاشكار .
قورقاق بولساڭ،قورقاق بولار شېئىر،
مەردانىمەن،دەپ جار سالساڭ بىكار !
ئانا يۇرتنى كۈيلىمەك ئۈچۈن،
شېئىر ئۈچۈن بەرگەندەك يۈرەك؛
ئۇنى يۇرتقا بەرمەك ئۈچۈن ھەم،
دائىم،تەييار تۇرمىغىڭ كېرەك .
تۇمارىستەك ئايال قوللىرىن،
قانداقلارچە تىلەركەن كەچكۈز .
قەغەزدىكى شېئىرىم يوللىرى،
يۈرىكىمدە قان قالدۇرغان ئىز .
زەھەر ئىچىپ ئۆلگەن ئاكتيوردەك،
پەردە چۈشسە تىرىلسەڭ بىكار .
شائىر-شېئىرى ئالدىدا تىرىك،
شېئىر ئۆلسە ئۆلمىكى دەركار !
شېئىر تۇيۇش- ناگىھان دىلدىن،
سەن قولۇڭغا ئالغاندا ناننى .
بۇغداي قېنى، يەردىن شۈمۈرگەن ،
ئەرك ئۈچۈن تۆكۈلگەن قاننى.

12)ماۋزۇسىز

1
يېشىل رەڭلىك ئاسمانغا باقتىم،
ئاسمىنىمغا ئايلاندى ئاسمان.
زۇمرەت دالا مېنىڭكى بولدى،
باققىنىمدا چەكسىزلىك تامان.

ئالتۇن رەڭلىك باغلارغا باقتىم،
ۋە كۆكسىمگە بېشىنى قويدى كۈز.
تاڭ نۇرىنىڭ دولقۇنىدا جىم،
يۈرىكىمدە چايقالدى كەچكۈز.

ئىچتىم ئوتلۇق شاماللارنى مەن،
شاماللارغا ئايلاندى باغرىم.
سۆيدۈم گۈزەل ئاياللارنى مەن،
ۋە ھاياتنى يېنىپ كۈيلىدىم.

ھەركىمنىڭ ھەم بولسۇن ئاسمىنى،
ئوت گۈللىرى بولسۇن قەلبىنىڭ.
كۈيلەي ئۇلۇغ ئۆزبېكسىتانىمنى،
ئەركىنلىكى بولسۇن ھەركىمنىڭ.
2
يىراق-يىراقلارغا كەتمەك ئىستەيمەن،
ھاۋالىق جايلارغا،يىراق جايلارغا.
بىر پارچە شېئىر يازماق ئىستەيمەن،
ئوخشىسۇن كۈزدىكى تولۇن ئايلارغا.

باھار قىرلىرىدا چېچەك شىۋىرلار،
شېئىرىم سۆزۈمنى ساڭا يەتكۈزسۇن.
مېنىڭ ئارمانلىرىم
مېنىڭ دەرىتلىرىم،
سەن كەزگەن باغلارنى ئىنتىزار كەزسۇن.

بىر چاغدا چېچىڭنى سىلىغان شامال،
تۈنلەرنىڭ قەرىدىن يېنىمغا كەلسۇن.
دەريا بويىدىكى سوڭغى مەجنۇنتال،
قېرىق تۈن دەردىنى سۇلارغا ئېيىتسۇن.

مەنمۇ شۇ دەريادەك ئارقاڭدىن باراي،
بۆلۈنۈپ-بۆلۈنۈپ كېتەي سايلارغا.
مەنمۇ شۇ سۇلاردەك ئارقاڭدىن باراي،
ھاۋالىق جايلارغا،ئايدەك جايلارغا.

ئاشۇ يىراقلارغا يېتىپ بارساممەن،
چەككەن ھەسرەتلىرىم تامام پۈتەرمۇ؟
گوياكى ئاناردەك قەلبىم يارساممەن،
بىر پارچە شېئىرغا قېنىم يېتەرمۇ؟

14)ساددا شېئىر

شائىرلاردىن ئايرىلمىسۇن غەم،
ياپرىقىدىن ئايرىلمىسۇن تال.

ئايرىلمىسۇن بايراقتىن شامال،
ئايرىلمايمەن سەندىن مەنمۇ ھەم .

تاڭ قۇياشىنى ئاسمانغا بەرسۇن،
قۇياش گۈلگە ئۈندۈرسۇن ياپراق.

ئىشقىم دىلدا بىر ئۆمۈر تۇرسۇن،
دۇنيا تۇرسۇن بىر ئۆمۈر تىترەپ.

15)كۈز

يەنە تىنماي شىۋىرلار يامغۇر،
يەنە دىلدا بىر مۇڭ تىترەيدۇ.
دالا-قىرنى باسىدۇ گوگۇم،
يەنە ئالەم بىردىن كەچلەيدۇ.

يۈرەك شاراب ئىچكۈسى كېلەر،
سەرمەسىت بولۇپ دىلدىكى ئارمان.
بەخىت ئىستەپ ئۇچقۇسى كېلەر،
قۇياشى يوق ئاسمانلار تامان.

16)كۈز گۈلشەنلىرى

كۆز ئوڭىمدا بىپايان باغلار،
ياپراقلاردا تىللارەڭ غۇبار.
يېقىنلىشىپ قالغاندەك تاغلار،
ھاۋا شۇنداق تىنىچ،بىغۇبار.

شىتىرلىغان تۇنجى يامغۇر ھەم،
تۇمانلارنى قۇغاغلىغان تاڭ.
قاپ-قارايغان دالا،قىر ھەم،
بەرى،ماڭا تونۇش قەدىردان.

دەرەخلەردە لاۋىلدار گۈلشەن،
يۈرىكىمدە ئۇنىڭ تەپتى بار.
باغچىلاردا خازانلار بىلەن،
ئۇچۇپ يۈرەر تۈندىكى باھار.

مېنى تاشلاپ كەتمەكچى دوسىتنى،
توختاتماقچى بولغاندەك بۇئان.
مېنى جىمغىنە قولۇمنى سوزدۇم،
كۆيۈۋاتقان گۈلشەنلەر تامان.

17)باللىق ھەقىدە شېئىر

ھېلىغىچە ئۇنۇتقىنىم يوق،
دەرەخلەرنىڭ تىلىنى،
قۇشلار بىلەن لۇغەتسىز سۆزلىشەلەيمەن.
ھېلىغىچە ئۇنۇتقىنىم يوق،
ھېلىھەم ئىشىنمەن،قايغۇرىمەن،
يۇلتۇز ئۇچسا تۈن ئاسمىندىن.
مايسىلارنى مىجىقلايمەن-
مايسىلارنىڭ دەرەخلەرگە ئايلىنىشىغا،
ئىشەنجىمنى يوقاتمىدىم ھېلىمۇ.
قورقاتتىم لېكىن،
باللىقتىكى قوشىنىمىزنىڭ ئىتىدىن،
چۆچەك كىتابلىرىمنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن.
بۈگۈن بولسا ئانامنىڭ ئاپئاق،
چاچلىرىغا قاراپ قورقىمەن.

18) مەن سۆيۈمەن

مەن سۆيۈمەن شىۋىرلار ئايال،
كىرلىرىڭنى يۇيۇپ بېرىمەن
دەزماللايمەن كۆينەكلىرىڭنى،
سېنى قۇچقان قوللىرىم بىلەن.

پەقەت بىر كۈن يېنىدا يېتىپ،
جىملايغانچە شىۋىرلارسەن بەس؛
-يۈرىگىمنىڭ ئاستىدا كىمدۇر،
خۇددى سەندەك ئالماقتا نەپەس.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ﺧﯘﺭﺷﯩﺪ ﺩﻩﯞﺭﺍﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ تاللانما
ئۆزبىكچىدىن ﯪﺑﺪﯗﺳﺎﺗﺘﺎﺭ ﻧﺎﺳﯩﺮﻯ، ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ
abdusattar nasiri,maxmut muhammad tarjimisi

1)ﯮﻏﻠﯘﻡ ﺗﯚﻣﯜﺭﮔﻪ

ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭ
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﯨﻤﯩﺰ.
ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﯨﻤﯩﺰ.
ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺗﺎﺷﻼ.
ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ –
ﺑﯘﯞﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ﻗﺎﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻧﻰ.

ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ
ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻜﻰ،
ﺧﯘﺩﯛﻛﺴﯩﺮﯨﻤﻪ، ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯩﻦ ﺋﺎﺗﺎﯕﻐﺎ،
ھﻪﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﯞﻩﺭﻣﻪ ﺋﺎﺭﻗﺎﯕﻐﺎ.
ﻳﯩﻘﯩﻠﺴﺎﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﺭ،
ﺳﯧﻨﻰ ﺑﯘ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ.
ﻳﯩﻘﯩﻠﺴﺎﯓ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺴﻪﻥ،
ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻥ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ. ﻳﯩﻘﯩﻠﺴﺎﯓﺗﻪﻣﺘﯩﺮﯨﻤﻪ،
ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﯨﻤﯩﮕﯩﻦ، ﻳﯧﺘﻪﺭ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ.
ﻗﻪﺩ ﺗﯩﻜﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻥ؛
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ
ﺑﯘ ﻳﻪﺭ – ﺑﯘ ﯞﻩﺗﻪﻥ!

2)ﺋﺎﺗﻼﺭ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ

ﺋﺎﺗﻼﺭﻳﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻧﻤﯘ ﺳﯩﺰ،
ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﺎﺕ،
ﺋﯘﺯﺍﻕ-ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﺎﺕ،
ﺋﺎﯞﺍﺯ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﯩﻐﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﺎﺕ.

ﺋﯘﭼﯘﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ ﺳﯩﺰ ﻗﯘﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ؟
ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﻳﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﺍﻗﯘﺷﻨﯩﯔ،
ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯜﻟﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﺍﻗﯘﺷﻨﯩﯔ،
ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﺴﺘﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﯘﭼﻘﺎﻧﺪﺍﻗﯘﺷﻨﯩﯔ.
ﺷﯘﯞﯗﻟﺪﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻤﯘ ﺳﯩﺰ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻛﻪﺑﻰ؟
ﺋﯘﭼﯘﭖ ﻛﯧﺘﻪﻱ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺑﺎھﺎﺭﺩﺍﺩﻩﺭﻩﺥ،
ﻗﯘﺑﺒﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﻪﺍﺭﻛﻪﻥ ﻛﯜﺯ ﭘﻪﻳﺘﻰﺩﻩﺭﻩﺥ،
ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﺭﻛﻪﻥ ﻗﯩﺶ ﭘﻪﺳﻠﻰﺩﻩﺭﻩﺥ.
ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺋﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ،
ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﺗﯧﯟﯨﻨﻐﯘﻡ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻗﯘﺵﺋﺎﻳﯩﻐﯩﺪﻩﻙ،
ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﻡ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﺩﻩﻙ.

3)ﭼﯩﻠﯩﻠﯩﻖ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﻏﺎ

ھﯚﺭﻟﯜﻙﻧﯧﻤﻪ؟
ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ.
ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﻪﻧﻠﻪﺭ،
ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﭖ ﺗﯜﻧﺪﻩ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ.
ﻳﯘﺭﺕ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﯞﻩﺗﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ.
ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﻧﻼﺭﻗﯘﺳﺎﺭﯗ،
ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ.
ﺧﻪﻟﻖ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ.
ﺗﺎﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺪﯦﺸﻰ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ
ﺯﻩھﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﻗﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﯘﺭﭺ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ.
ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ
ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ.

4)ﻗﯩﺰ ﻗﻮﺷﯩﻘﻰ

ﺳﻪﻥﻛﯧﻠﯩﺴﻪﻥ…
ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ
ﺗﺎﺷﻘﯩﻦ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ.
ﺑﯧﺪﻩ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥھﺎﺭﯞﯨﺪﻩﻙ،
ﺧﯘﺵ ﺑﯘﻳﺪﯗﺭﻣﻪﻥ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ.
ﺳﻪﻥ ﻛﯧﺘﯩﺴﻪﻥ…
ﻛﻪﻳﻨﯩﯖﺪﯨﻦ،
ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﻛﯜﻳﯜﻙ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ.
ھﺎﺭﯞﯨﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ
ﺧﯘﺷﺒﯘﻱ ﺑﯧﺪﻩ ﮔﯜﻟﯩﺪﻩﻙ…

5)ﺭﻭﻣﺎﻝ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﺎﻥ

ﺭﻭﻣﺎﻝﺋﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﺎﻥ،
ﺭﻭﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪﻯ ﺭﻩﺳﺘﯩﺪﻩ.
ﺳﯘﻣﺒﯘﻝ ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﻯ ﭼﯘﯞﯗﻟﯘﭖ ﺷﯘﺋﺎﻥ
ﺋﯧﻘﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﻰ ﻳﻪﻟﻜﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ.
ﺋﻪﺟﻪﭖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺪﻯ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ،
ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭﺩﻩﻙ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﻰھﯧﻼﻝ.

6)ﺷﺎﺵ ﻣﯘﻗﺎﻡ

ﺗﯩﻠﻼﺋﯜﺯﯛﻙ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ
ﺯﻩھﻪﺭﺳﻪﻥ ﺯﻩھﻪﺭ،
ﺗﺎﺭﺍﻟﺪﯨﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﻐﺎ.
ﺯﺍﺭﻻﭖ ﻳﺎﺗﯩﻤﻪﻥ،
ﺳﻪﻥ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭﺳﻪﻥ ﻛﯚﻛﺴﯜﻣﮕﻪ ﭘﺎﺗﻘﺎﻥ،
ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻟﺴﺎ،
ﺋﯚﻟﯩﻤﻪﻥ

terjimon: Mesud Iso

Manba: http://bbs.xjzjxh.com/
04

(Tashriflar: umumiy 96, bugungi 1)

Izoh qoldiring