Usmon Azim she’rlari uyg’ur tilida (Yalqun Azizi tarjimasi)

036
Веб-саҳифамиз билан уйғур ижодкорлари ўртасида пайдо бўлган мустаҳкам ижодий ҳамкорлик ўз натижаларини бермоқда. Биз муқаддам Шавкат Раҳмон ва Хуршид Даврон шеърларининг уйғур тилига қилинган таржималари билан таништирган эдик. Айни кунларда истеъдодли уйғур таржимони Ёлқун Азизий бир қатор ўзбек ижодкорлари (Усмон Азим,Шавкат Раҳмон,Муҳаммад Юсуф,Мирзо Кенжабек, Иқбол Мирзо,Беҳзод Фазлиддин) шеърларини таржима қилиб,эълон қилди. Биз бу таржималар билан сизни бирин-кетин таништириб борамиз. Бугун сизга Ўзбекистон халқ шоири Усмон Азимнинг уйғур тилига ўгирилган шеърларини тақдим этамиз. Бу тақдимот эрта — 14 август куни туғилган кунини нишонлайдиган таниқли шоиримизга бизнинг совғамиз бўлади.
Шунингдек, ўзбек адабиётининг тинчимас тарғиботчилари бўлмиш уйғур таржимонларига,хусусан,Ёлқун Азизий ва  Масъуд Эйсога чексиз миннатдорчилигимни билдираман.

Хуршид Даврон

099

ئوسمان ئەزىم شېئىرلىرىدىن تاللانما
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:يورۇق

63

ئوسمان ئەزىم،1950-يىلى 13-ئاۋغۇسىت ئۆزبېكىستاننىڭ سۇرخان دەريا ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. تاشكەنىت دۆلەت ئونۋېرسىتىتىنىڭ ژۇرنالىسىتلىق فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن.1979-يىلدىن ئېتىۋارەن«ئىنساننى تونۇش»«ھالەت»«ئاقىۋەت»«كۆزگۈ»«سۈرەت پارچىلىرى»« دەرىس»« ئىككىنجى ئاپرىل»« ئاجايىپ ئەژدىرھا»« ئويغۇنۇش ئازابى»« غۇسسە»« ئۇزۇن تۈن»« سايلانما ئەسەرلەر» «كۈز» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى، «جادۇ»… قاتارلىق نەسىرى ئەسەر توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. سەھنە ئەسەرلىرىدىن«بىر قەدەم يول»«ئەلشىر نەۋائى»«ئالپامىش»قاتارلىقلار بار. ئۇندىن باشقا بىر قىسىم چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تەرجىمە قىلغان.1988-يىلى دوسىتلىق ئوردىنى بىلەن،2000-يىلى ئۆزبېكىستان شائىرى دىگەن نام بىلەن تارتۇقلانغان. ھازىر ئۆزبېكىستان پېرزنىتنىڭ ئىشخانىسدا خىزمەت قىلىدۇ.

بۇ شېئىرلارنىڭ تەرجىمىسىنى بەگيارغا بېغىشلايمەن.

سېنى سېغىنىپ
قارا كۆز قارلىغاچ ئايىمسەن ئۆزۈڭ،
كۆكسۈم ئايۋان بولدى سېنى سېغىنىپ.
كۆزۈمدىن بىر لەھزە كەتمىدى كۆزۈڭ،
كۆزۈم گىريان بولدى سېنى سېغىنىپ.

كوچاڭدىن كېچىلەر ئۆتكەنىدىم پىنھان،
كەلمەسلىكىڭنى بىلىپ كۈتكەنتىم پىنھان،
ئاينى ۋە يۇلتۇزنى تۇتقانىدىم پىنھان،
ئىشقىم داستان بولدى سېنى سېغىنىپ.

جېنىمغا تىغ ئۇرۇپ قىينار سېغىنىش،
تىغىنى سۇغۇرۇپ قىينار سېغىنىش.
خەيىرلەشمەي تۇرۇپ قىينار سېغىنىش،
يۈرىكىم قان بولدى سېنى سېغىنىپ.

بەلگىسىز خىلۋەتلىك كونا مازارنى،
مازاركى، نە مازار ئىگىسىز جايلارنى.
ئىشىتكىڭ بارمۇ، كۆرگىنىڭ بارمۇ،
دىلىم ۋەيران بولدى سېنى سېغىنىپ.

سەرگەردانلىق، مەجنۇننىڭ، لەيلىنىڭ ئىدى،
بىزنىڭكى پەقەت گۈل سەيلىنىڭ ئىدى.
يىراقتا بولساڭمۇ مەيلىم بار ئىدى،
بېغىم خازان بولدى سېنى سېغىنىپ.

نىتەي، پىشانەمدە شۇ دەرد بار بولسا،
ساتىمەن بۇ دەرتنى خېرىدار بولسا،
سېنى تاللارمىدىم، ئىختىيار بولسا،
ھالىم يامان بولدى سېنى سېغىنىپ.

تەسۋىر
كۆزۈڭ قارا سېنىڭ،قاشلىرىڭ قارا،
يۈزلىرىڭ ئاق سېنىڭ،كۈلۈشلىرىڭ ئاق.
قولۇڭدىكى ھاقارەت تاشلىرىڭ قارا،
ماڭا غەمكىن بېقىپ تۇرۇشلىرىڭ ئاق.
ئۇنتۇشنىڭ قارا،ھىجرانىڭ قارا،
سېغىنچىڭ ئاپپاقتۇر،خەتلىرىڭ ئاپپاق.
قارىدۇر يۈرىكىڭ، ئاق-مىھىر ئارا،
ماڭا تاشلاپ كەتكەن دەردلىرىڭ ئاپپاق.
شام ۋە سەھەردىكى ۋاقتىمدۇر قارا،
سېنى دەپ تۆككەن ياشلىرىم ئاپپاق.
سېنىڭ ھەم، مېنىڭ ھەم بەختىمىز قارا،
ئوتتۇز تۆت يېشىڭدا چاچلىرىڭ ئاپپاق.
ئىشەن يۈرەك ئاقتۇر،قارىدۇر تەقدىر،
ئاق-قارا بوياقلار بىزنىڭ باغلاردا.
مەن مىليون بوياقنى بىلەتتىم ئاخىر،
ئىككىمىز بەختىيار بولغان چاغلاردا.

بىكار، يالغان
بىكار، يالغان پاتمىغان،
مۇھەببەتنىڭ قۇياشى.
تۈن كەلدى! دەپ داتلىغان،
بىۋاپالار كۆز يېشى.
مەن بارىمەن، بۇ جېنىم-
سېنىڭكىدۇر… ئۆكسىمە.
تۈندىن قورقما، ئاق تاڭنىڭ،
بىر پارچىسىدۇر كۆكسىدە…

ئەمدى شېئىر يازمايمەن
ئەمدى شېئىر يازمايمەن، ئاڭا بېغىشلاپ،
ئەمدى خىيالىمنى ئويلاپ يىغلايمەن.
ئانا، قارلىق كېچە ئاپپاق پەرىشتە،
بۆسىلەر ئالماقتا ئەزىز ماڭلايدىن.

ئەمدى مەكتۇپلەر پۈتمەيمەن- تامام!
زەنجىربەنت قىلىمەن تەلۋە قايغۇنى.
ئانا، قارلىق كېچە قۇتۇرغان شەيتان،
ئېلىپ كەتمەكتەدۇر قۇچاغلاپ ئۇنى.

نىھايەت، قاچانلىققا چىقىدۇ قۇياش،
نۇرغا چۇلغۇنىدۇ بۇ سوغۇق دۇنيا؟
ئەمدى مەن ئۆلگىچە بېرىمەن بەرداش،
ئەمدى بۇ ھاياتىم ئۆتىدۇ تەنھا.

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال
سەن ئۇخلايسەن
دەرىزەڭدىن چۈشكەن ئاي نۇرى
سۈرۈلۈپ
سۈرۈلۈپ
كۆرپەڭگە يېتەر.

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال،
ئاينىڭ نۇرىغا ئورۇنۇپ ئۇخلا،
ئاينىڭ نۇرىنى قۇچاغلاپ ئۇخلا،
مېنى سېغنغان لەۋلىرىڭ بىلەن
ئاينىڭ لەۋلىرىگە بېسىپ ئۇخلىغىن…

بارالمايمەن…يۈرەك تاش بولدى،
ئېيت، قاچان ۋەزىنسىز بولماقلىق مۈمكىن؟
قانداق ئاي نۇرىغا ئايلانسا بولار
ۋەقاچان ئاي نۇرىدەك سارغايغان قولۇم
قارا چېچىڭنى سىلاپ تىترگەي…

دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال،
نىھايەت بۇ ئۆمرىم كەتسە مەيلىتى،
ئاي نۇرىغا ئايلانماق ئۈچۈن…

خەيرلەشمەك كېرەك
خەيرلەشمەك كېرەك سەن بىلەن،
كۆڭۈللەرنى ئۈزمەكلىك كېرەك.
كەچمەك كېرەك غېرىب ئۈمىدتىن،
دۇنيالارنى بۇزماقلىق كېرەك.
باشقىلارغا بەرمەكلىك كېرەك،
كۈزگى ئاخشام چارچاشلىرىنى.
ئەمدى مەيۇس تەرمەكلىك كېرەك،
سۆيگۈزمىزنىڭ ئالدامچىلىرىنى.
بىزگە دوزاخ ۋەدىلەر ئېتىپ،
ئۈستىمىزدىن جىم باقار خۇدا.
سېنى ساقلاي، سۆيگۈدىن كېتىپ،
ئىشقىم بىلەن سەن بولما ئادا.
ئەجەب شىرىن بۇ كۈز ئاخشىمى،
لەۋلىرىڭدە چاقچاق كالاملا.
— مەن دوزاقتىن قورقمايمەن جېنىم،
دوزاقتىمەن ئاللا قاچانلا…

جېنىڭىز قايدا؟
ئىشىقنىڭ كۆكىدە ئايغا قېتىلىپ،
ئايلانغان بېشىڭغا بۇلۇتلار قايتار.
مېنىڭ قۇچىقىمدا كۈيدەك ئېشىلىپ،
ئاستا شىۋىرلايسەن:
جېنىڭىز قايدا؟

ئوغۇرلايسەن بارچە كىلىتلىرىمنى،
ساندۇقلار ئېچىلار ساڭا سىر ئېيتار.
ئىزدەيسەن بۈيۈك ئارزۇلىرىمنى،
ھېرىپ شىۋىرلايسەن:
جېنىڭىز قايدا.

شۇمۇ؟ قىلىچىمنى كۆلگە تاشلايسەن،
بەلكى بۇ؟ قولۇڭنى سوزىسەن ئايغا.
ئاخىرى يىغلامسىراپ سۆزلەر باشلايسەن،
بىر مەرتە ئېيتىڭچۇ،
جېنىڭىز قايدا؟

ئۆزىڭنىڭ قەدرىنى سۇغا ئاتىسەن،
مېنىڭ ئىززىتىمنى قاتىسەن لايغا.
بالاڭ ئۆلگەندەك پىغان چېكىسەن،
سىز تېخى تىرىكمۇ
جېنىڭىز قايدا ؟

ئوغۇلار قوشۇسەن ھەممە ئېشىمغا،
ھەرقانداق قىساسلار تۇيۇلار بىكار-
يېلىنىپ تۇرىسەن يەنە قېشىمدا،
نېمىشقا ئۆلمەيسىز،
جېنىڭىز قايدا؟

جېنىم سەندە دەيمەن، ئايلانماس تىلىم،
جېنىم سەنسەن دەيمەن، يۈرىكىم تونار.
مېنىڭ ئامانىتىم
جېنىم سۆيگۈنۈم،ئەمدى سېنى قانداق ئاسىرسام بولار؟

(Tashriflar: umumiy 77, bugungi 1)

Izoh qoldiring