Таниқли шоир Муҳаммад Юсуф шеърларини Кошғардаги шеъриятимизнинг фидойи тарғиботчиси ва маҳоратли таржимони Ёлқин Азизий ўзбекчадан уйғур тилига уйғунлаштирган.
Taniqli shoir Muhammad Yusuf she’rlarini Koshg’ardagi she’riyatimizning fidoyi targ’ibotchisi va mahoratli tarjimoni Yolqin Aziziy o’zbekchadan uyg’ur tiliga uyg’unlashtirgan.
مۇھەممەد يۈسۈف شېئىرلىرىدىن
ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : يالقۇن ئەزىزى
ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى مۇھەممەد يۈسۈف 1954-يىلى 26-ئاپرىل ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ئەندىجان ۋىلايىتىنىڭ مەرھەمەت رايوندا تۇغۇلغان. 1985-يىلى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى « تونۇش تېرەكلەر»، 1987-يىلى« بۇلبۇلغا بىر گېپىم بار»،1987-يىلى« ئىلتىجا»، 1989-يىلى« ئۇيقۇدىكى قىز»، «ھەلىمە ئانام ئەلەيلىرى»، 1990-يىلى« ئىشىق كېمىسى»،1991-يىلى«كۆڭلۈمدە بىر يار»،1993-يىلى«بىۋاپا كۆپ ئىكەن»،« يالغانچى يار»، 1995-يىلى« ئەركە كىيىك»،1998-يىلى«ئاسمانغا ئېلىپ كېتىمەن»، 2004-يىلى«ئۇلۇغىمسەن ۋەتىنىم» قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. 2001-يىلى 31-ئىيۇل 47 يېشىدا ۋاپات بولغان. 1998-يىلى «ئۆزبېكىستان خەلق شائىرى» دىگەن نام بىلەن تارتۇقلانغان.
تۆۋەندە ئوقەرمەنلەر ھوزۇرىغا ئۇنىڭ بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى سۇندۇق.
يالغانچىلار
چىرايلىقتىن چىرايلىق بىر قىز چېچىم سىلار،
مېنىڭ بولسا كۆزلىرىمدىن ياش تامچىلار .
سۆيىمەن دەپ ئالدار مېنى يالغانچىلار،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يىگۈزىمەن.
ئىچ باغرىمنى كۆيدۈرىدۇ يالغانلىرى،
ئەتراپىمنى چارلار ماھى تاپانلىرى .
بولسام ئەگەر مەنلا تەنھا قۇربانلىرى،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يىگۈزىمەن .
كونا دۇنيا، بۇ قىزلىرىڭ مۇنچە گۈزەل،
قاراپ باقسام، كۆكتىكى ئاي، كۈنچە گۈزەل
قانچە گۈزەل بولسا شۇنچە ئالدار گۈزەل !…
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يىگۈزىمەن.
مانا ئەمدى كۆز يۇمىمەن يەردە يېتىپ،
يۈرىكىمنى سۇغۇرىمەن قان يىغلىتىپ،
يولۋاسچاقلار يېسۇن ئۇنى كاسىلدىتىپ-
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يىگۈزىمەن.
كىمنى سۆيسەم سۆيگىنىمدىن كۆيگەن دىلىم،
كۆز ئالدىمدا بۇلدۇقلىسۇن تىلىم-تىلىم .
ھارام بولسۇن مۇھەببەتسىز كۆرگەن كۈنۈم،
يۈرىكىمنى يولۋاسلارغا يىگۈزىمەن !…
سۆيگۈ ساداسى
گۈلۈم، مېھىر كۆزدە دېگەن سۆز يالغان،
مېنىڭ دىلىمدا ئۆچمەس چىراغسىز .
قانچە كۆرۈشمىسەك شۇنچە قەدىردان،
قانچە يىراق بولساق شۇنچە يېقىنسىز .
دىۋانە ئاشىقمەن، مەن بىر دىۋانە،
ئېيتىڭ، سىزدىن بۆلەك كىمىم بار يەنە ؟
سىز يوق، چاغلاردا دۇنيا بىگانە،
سىز يوق، بېغىمدا گۈللەر يېقىمسىز.
سىز ئاچچىق قىسمىتىم، سىز ئىزتىرابىم،
سىز شىرىن دەردىمسىز، شىرىن ئازابىم .
سىز مېنىڭ كۆكلەردىن تاپقان ئاپتىپىم،
تۇپراقتا يوقاتقان كۆز مۇنچىقىمسىز .
يادىمدا كەچتىكى شوخلۇقلىرىڭىز،
كۆكسۈمنى كۆيدۈرگەن كىرپىكلىرىڭىز.
سىز گويا-ئارزۇسى ئايدەك ئاپپاق قىز،
سىز گويا-كۈلگۈنچەك قوڭغۇراقىمسىز .
سىز گويا-كۆزلىرىم ئۈستىدە ماڭغان،
سىز گويا-كۆڭلۈمگە كۆڭلى ئىن قۇرغان.
تىلىمنىڭ ئۇچىدىن ئاقاي دەپ تۇرغان،
شېئىرىمسىز، بىر ئۆمۈر پۈتمەس ئاھىمسىز .
سۆيەلمەيدۇ ھېچكىم مېنىڭدەك
سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك،
ۋەسلىڭگە ئاشىقلار زاردۇر ئېھتىمال.
لېكىن سادىق بولالمايدۇ مېنىڭدەك،
ئالدىڭغا تىز چۆكۈپ يىغلار ئېھتىمال،
ئالدانما يار، ئالدامچىلار مېكىرىگە،
گول بولما بىۋاپا ئىشىق شەھىرىگە،
ئۇلار سېنى باسسا بولدى باغرىغا،
سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك.
كېسىپ ئۆتسەم يولۇڭنى مەن خىجالەت،
يىراقلاردىن كۆرسەم سېنى كۇپايەت،
بىر قارىشىڭ ماڭا ئۆزى ئىنايەت،
سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك .
جېنىڭغا جان بولالمايمەن، سۆيىمەن،
يېنىڭغا بىر كېلەلمەيمەن، سۆيىمەن،
ئىسمىڭ نېمە، بىلەلمەيمەن سۆيىمەن،
سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك
سەن كۆكتىكى نازۇك كۆڭلەك بىر پەرى،
كۆك كۆلدىكى تىنىۋاتقان سۇ پەرى،
مۇھەممەدنىڭ كۆڭلىدىكى دىلبىرى،
سېنى ھېچكىم سۆيەلمەيدۇ مېنىڭدەك .
ئەندىشە
قورقىمەن، ئەتىلا ئۆلۈپ كەتسەم مەن،
گەر ياتسام قۇملارغا پېتىپ كۆزلىرىم،
كۆڭلۈمنى تىنىمسىز باسار بىر ھەسرەت ،
يىغلاشنى بىلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم …
ئەڭ يېقىن دوستلىرىم غەيۋەتلەر قىلار،
ئەڭ زەئىپ دۈشمىنىم ئۈستۈمدىن كۈلەر.
ئۇلارغۇ نېمە قىلسا ئۆزلىرى بىلەر،
يىغلاشنى بىلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم .
شائىر ئۆلسە كىم كۆيۈنەر دەيسىز،
مەدىھۋاز ئادەملەر سۇۋەرەكتىن كۆپ .
ئۇلار مىسلى قىشتا تىرناقتىكى مۇز،
بارمىقىڭ تەگسىلا تۆكۈلەر توپ-توپ …
تىلىمدىن قېپقالسام قېتىپ ياشلىرىم،
كۆڭلۈمدىن يوق بۆلەك، مېنىڭ بايلىقىم.
ئېگىلگەن كۈنلىرى يەرگە باشلىرىم،
يىغلاشنى بىلمەيدۇ مېنىڭ قىزلىرىم .
ئۇلار ياش. ئۆلۈمدىن قورقىمەن يامان،
چۈنكى مەن دەردىگە قۇلاق سالمىدىم .
قەبرەمنىڭ ئالدىدا يىغلىسۇن دېگەچ،
قىزلىرىم يېشنى ئاسراپ ئۆلمىدىم !
مۇھەببەت
مۇھەببەت، ئەي گۈزەل ئىزتىراپ،
ئەي كونا دەرد، ئەي كونا تۇيغۇ.
كۆكرىگىمگە قولۇڭنى تىرەپ،
يۈرىكىمنى تۆكۈپ قويدۇڭغۇ.
قانچە كۆزلەر ماڭا زار ئىدى،
نە ئەندىشەم، غېمىم بار ئىدى،
قۇشتەك يەڭگىل روھىم بار ئىدى،
چاك-چېكىدىن سۆكۈپ قويدۇڭغۇ.
نە قىلاتتىڭ ماڭا تېگىپ سەن،
يېڭلمىگەن ئىدىم — يېڭىپ سەن .
باشلىرىمنى يەرگە ئىگىپ سەن،
قامىتىمنى پۈكۈپ قويدۇڭغۇ.
سەن مەن ئۈچۈن بىر خىيال ئىدىڭ،
ياخشىلار بار، ياخشى قال ئىدىڭ،
جان كېرەكمۇ- مانا ئال دېدىڭ،
قىيناۋىرىپ قىيناپ تويدىڭغۇ ؟
بىلىمەن، نېمە ئىدى مەقسىتىڭ :
ماڭا بىر جۈپ گۈلنى ئاسرىدىڭ .
بىرنىڭ ئېتىنى كۈمۈش ئاتىدىڭ ،
بىرنىڭ ئېتىنى زەينەپ قويدۇڭغۇ.
مۇھەببەت، ئەي گۈزەل ئىزتىراپ،
كوچاڭ كەزدىم سەرسان گاڭگىراپ .
يۈزلىرىمگە يېقىپ يۈزۈڭنى ،
كۆزلىرىمنى باغلاپ قويدۇڭغۇ!…
تىلەك
ھەركىشىنىڭ چاچلىرىغا ئاقلار چۈشسۇن،
قورۇق چۈشسۇن، يۈزلىرىگە داغلار چۈشسۇن .
ھەركىشىنىڭ بەللىرىدىن قۇۋۋەت كېتىپ،
قوللىرىغا ھاسا ياكى تاياق چۈشسۇن
ئىمانى ساپ، يۈزگە كىرىپ يۈزى يورۇق،
تويلار كۆرۈپ يەلكىسىدىن تاغلار چۈشسۇن .
ئەجەل كېلىپ بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالسا،
ئۆز بالىسى قولىدىن تۇپراق چۈشسۇن !
يالغانچى يار
يالغانچى يار يالغانلىرىڭ تۈگەر قاچان،
يالغان يىغلاپ كۆيگەنلىرىڭ تۈگەر قاچان،
بىر ئىلتىپات ئەيلىگەيسەن قاچان ماڭا،
قاچان تۈگەر سىتەملىرىڭ كارۋان-كارۋان،
يالغانچى يار يالغانلىرىڭ تۈگەر قاچان؟
مەجنۇن بولدۇم سەھرالاردا بىر سايە يوق،
ماڭا ئاپتاپ-قاراقچىدىن ھىمايە يوق،
ئوڭۇمدا چوغ، سولۇمدا چوغ، كۆڭلۈمدە چوغ،
جېنىم سەييات قولۇمدىكى جەيران-جەيران،
يالغانچى يار يالغانلىرىڭ تۈگەر قاچان؟
ئۇزۇن تۈنلەر مەن بىھۇدە تولغانماسمەن،
پەرىزادىم، سېنى سۆيدۈم، ھېچ تانماسمەن،
مىڭ بىر كېچە چۆچىكىگە-ئىشەنمەسمەن،
ئىشەنمىگەچ كۆزۈمدە ياش مارجان-مارجان،
يالغانچى يار يالغانلىرىڭ تۈگەر قاچان؟
جەننەت دىسە قېنى كىممۇ تىز چاپمىغان،
تەقدىر مېنىڭ پېشانەمگە قىل تاڭمىغان،
ناشۇد قۇلمەن. چىمەن كېزىپ گۆل تاپمىغان،
ئۆز ھالىمغا ئەمدى ئۆزۈم ھەيران-ھەيران،
يالغانچى يار يالغانلىرىڭ تۈگەر قاچان؟
چۈشىنەلمەي مۇھەببەتلىك سۆزلىرىڭنى،
كۆڭۈل بەردىم سەندەك قىزنىڭ نىمەسىگە،
نېچۈن چىقتىم ئامانەت ئىشىق كېمىسىگە؟
ئۆز ئۆمرۈمنى ئۆزۈم قىلدىم ۋەيران-ۋەيران،
يالغانچى يار يالغانلىرىڭ تۈگەر قاچان!…
ئىقرار
شائىرلىق مەن ئۈچۈن ئەسلا ئارزۇ ئەمەس،
ئىشمۇ ئۇ، كەلگەن يىگىت بېشىمغا.
ھەممە شائىر زاتىنى يىغسا ئەرزىمەس،
ئانامنى سېغىنىپ تۆككەن يېشىمغا.
ئەنە، ئۇلار قىلار بۇلبۇللارغا دوق :
-ئەي قۇش، بۇ بېغىڭدا مەنلا بۇلبۇلمەن!
شائىرلار بىلەن ھېچ دوسىتلىقىممۇ يوق،
مەن يورۇق دۇنيادا كۆڭۈل قۇلىمەن.
ئەمما يۈرىكىمنى قىينار بىر ئازاپ،
بولدى بەس! دېسەممۇ تۇتقۇزار قەلەم.
مەن كەتمەن چاپقاندا تۇتىدۇ راۋاپ،
كۈيلەيمەن جېنىمدىن ئۆتكەندە ئەلەم.
ئاسمانغا قارىسام كۆرۈنەر تۇپراق،
مايسىغا تەلمۈرۈپ ئاينى كۆرىمەن.
بۇ قانداق كۆرگۈلۈك بىلمەيمەن دوستۇم،
مەن قاچان دالىدا بۇغداي ئورىمەن!…
شائىرلىق مەن ئۈچۈن ئەسلا ئارزۇ ئەمەس،
ئىشمۇ ئۇ، كەلگەن يىگىت بېشىمغا.
ھەممە شائىر زاتىنى يىغسا ئەرزىمەس،
ئانامنى سېغىنىپ تۆككەن يېشىمغا.
ئۆزر
بىز باھارغا ئاشىق بولدۇق، كۈزگە ئۆزر،
غازاڭلارنى قالاپ يۈرگەن قىزگە ئۆزر،
نېمە ئۆتسە بىزدىن ئۆتتى، گۇناھ بىزدە،
ئېيتىلمىغان ناخشىلىرىم، سىزگە ئۆزر.
گەر سېغىنسام بولدى ھەمدەم سۆيۈملۈك يار،
مەن بىخۇتتا نە مېھىر بار، نە كۆڭۈل بار،
ئازراق ئىلھام، كۆپرەك شەرەپ قىلدى خۇمار،
ئېيتىلمىغان ناخشىلىرىم سىزگە ئۆزر.
تىلىمدىن بال تامدى بېقىپ ئالەمگە گاھ،
بىر شىرىن سۆز ئېيتالمىدىم بالامغا گاھ،
يىللاپ قولغا ئالالمىدىم قەلەمنى گاھ،
ئېيتىلمىغان ناخشىلىرىم سىزگە ئۆزر.
يولۇم قاراپ جەيران كۆزى تېلىپ كەتكەن،
گاھ دالىدا سەرسان شامال ئېلىپ كەتكەن،
گاھ ئەندىشە ئايۋىنىدا قېلىپ كەتكەن،
ئېيتىلمىغان ناخشىلىرىم سىزگە ئۆزر.
دىلى بارغا دىل دەردىمنى تۆككىنىم راس،
سۆزنى بېشىدا باش ئىگىپ تىز چۆككىنىم راس،
گاھ جېنىمنى مەن ئاۋايلاپ، قورىققىنىم راس،
ئېيتىلمىغان ناخشىلىرىم سىزگە ئۆزر.
ئۆكسىمىسۇن زەرداپ ئەمەس، كۆڭۈللىرىڭىز،
دەريا-دەريا كۆز يېشىم بار چۆمۈلسىڭىز،
مەن ھەم مەشھۇر بولارمىدىم تۇغۇلسىڭىز
ئېيتىلمىغان ناخشىلىرىم سىزگە ئۆزر.
يۈرىكىمنىڭ تېگىدە سىز، يالپۇزدىن پەس
گاھ ئويلايمەن قولنى شۇنداق ئۇزاتسام بەس!
يۈزىڭىزنى بىر كۆرمەستىن ئۆلگۈم كەلمەس…
ئېيتىلمىغان ناخشىلىرىم سىزگە ئۆزر.
شائىرنىڭ ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى «شەرق» نەشرىياتى مەتبەئە ئەقىلدارلىق كومپارانسىيسى باش تەھرىرلىكى تەرىپىدىن 2004-يىلى تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان «مۇھەممەد يۈسۈف» ناملىق تاللانما شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.
يۇقۇرىقى شېئىرلاردىن بىر قىسىمى»مايبۇلاق» ژۇرنىلنىڭ 2016-يىللىق 1-ساندا ئېلان قىلىنغان.